تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ئەزەلدىن مۇھىم، زور ئىش بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بەلگىلەپ كەلگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈپ مىزان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاش، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە.

پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئارىسىدا باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈپ ۋەزىپە، ئومۇمىي تەلەپ ۋە كونكرېت نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدى؛ پارتىيەۋىلىك تەربىيەلىنىشى جەھەتتىن چېنىقىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈردى؛ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى؛ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاكلىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى؛ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى. بۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما تولۇق ئېتىراپ قىلدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئىجابىي باھا بەردى.

جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ چېكى يوق، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئاممىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى تەربىيەنىڭ بىردەملىك شامال بولۇپ قېلىشى، يەر يۈزىنىلا نەمدىگەن يامغۇر بولۇپ قېلىشى، ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى دائىملىق ھالەتنى ساقلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، لېكىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش بىردەملىك ئىش بولماستىن، بەلكى ئۆمۈرلۈك ئىش، بىز چوقۇم ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشتا ياخشى نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ پۈتتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ئىدىيەدە، سىياسىيدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈپ - كۆزىتىشى، تەھلىل قىلىشى، چوڭقۇر ئويلىنىشى، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئارىلاشما ماددىلارنى تېرىۋېتىشى، ۋىرۇسنى يوقىتىشى، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ دائىم ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە «توغرىلىنىشى»، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بىلەن «سىكاننېرلىشى»، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىدىن ئىبارەت «رېنتىگېنگە چۈشۈشى»، ئەجدادلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار، ئىلغار تىپلار بىلەن «سېلىشتۇرۇشى» كېرەك؛ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزگىچە تارىخىدىن ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدەپ، بۇرچنى رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، بۇرچنى چۈشىنىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچكە ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا ئاندىن كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، بۇرچى زىممىسىدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى