تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماھارەت ئۆگىنىپ ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا ئالدىراش  قىشتىكى بوش ۋاقىتنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇش

تۆۋەنكى مەكىت كەنتى:

ماھارەت ئۆگىنىپ ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا ئالدىراش قىشتىكى بوش ۋاقىتنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن

«مەن دەرس جەدۋىلىنى كۆردۈم، ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتتە ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىلىم ۋە ماھارەتلەر ئىكەن، ئىشىك ئالدىدا بۇنداق تەربىيەلەشكە قاتنىشالىغىنىم بەك ياخشى بولدى.» 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ كەنت گۇرۇپپا كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كۇرسىدا، بۇ كەنتنىڭ 4 - كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئامانگۈل توختى خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

ئامانگۈلنىڭ قولىدىكى بۇ دەرس جەدۋىلىدە، كۈندىلىك تەربىيەلەش مەزمۇنى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. ئۇ ئەسلىدە كەنتتە ئاياللار خىزمىتىنى ئىشلەيتتى، 2019 - يىلى 4 - ئايدا كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغاندىن كېيىن، گۇرۇپپىدىكى 74 ئائىلىدىكى 300دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇش ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.

ئامانگۈل دەرس جەدۋىلى ۋە يېڭى تارقىتىلغان خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېرى ئاقنىياز تەۋەككۈلگە مۇنداق دېدى: «ھازىر مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، خەلق ئىشلىرى سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش، جەمئىيەت كاپالىتى بىلىملىرى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆگىنىمەن، سىز زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىڭ، ئىككىمىز بەسلىشىپ باقايلى، كىم ياخشى ئۆگىنەلەيدىكىن».

«بولىدۇ! ئىشقىلىپ قىشتا دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئاز، مەن ھەر كۈنى ئۆيدىكى تۆت كالىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولۇپلا، كەنتتىكى قارا مور كەسىپ يېتىلدۈرۈش باغچىسىغا بېرىپ دەرس ئاڭلايمەن.» ئاقنىياز مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرىمنى ئاشۇرۇش ماھارىتىدىن بىر تۈرنى ئارتۇق ئۆگەنسەم، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى چوقۇم بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولىدۇ.

ئىلگىرى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ھەر كۈنى قول قوۋۇشتۇرۇپ بىكار يۈرەتتى، بۈگۈنكى كۈندە كۈچەپ ئىشلەيدىغان بولدى. بىز تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ كوچىلىرىنى ئارىلاپ زىيارەت قىلغاندا، بىكارچىلارنى ئۇچراتمىدۇق. كەنت ئېغىزىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان بىر چوڭ سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، توختىماي چىقىۋاتقان كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىشىكنى چېكىپ ئىچىگە كىردۇق، بىر توپ ياش ئۈستەلنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قاچا - قۇچىلارنى تىزىشنى مەشىق قىلىۋېتىپتۇ، ئەسلىدە بۇ يەردە ئاشخانا(مېھمانساراي) مۇلازىمەت كەسپى بويىچە ماھارەت تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلغان ئىكەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لۇڭ شيۇخۇا بىر تەرەپتىن، چىنە - تەخسە، چوكا قويغۇچ، رومكا، ئىستاكان قاتارلىقلارنى ئۈلگە كۆرسىتىپ تىزىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، كۇرسانتلاردىن سوئال سوراۋاتاتتى. دوسكىغا تاماق ئۈستىلىدىكى ئىستاكان گۈلى ۋە تەخسە گۈلىنىڭ تۈرلىرى ھەم ئاشخانا ۋە ياتاق مۇلازىمىتىدىكى ئەدەپ سۆزلىرى يېزىلغانىدى.

كەنت ئاھالىسى ئاينۇرەم ياسىن دەرس جەدۋىلىدىكى «پەتنۇسنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى»، «سالفىتكىدا گۈل قاتلاش» قاتارلىق دەرسلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، بىر تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلەپلا قالماي، ئۆيۈمنى تېخىمۇ رەتلىك، پاكىز تۇتىدىغان بولدۇم.

تەربىيەلەش كۇرسىدا يەنە ئۈچ ئەر كۇرسانت بولۇپ، ئۇلار كەنتتە يېڭىدىن قۇرۇلغان پۇقراۋى قونالغۇ ئېكولوگىيە باغچىسىدا ئىشلەيدىكەن. كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن قۇربان بىزگە مۇنداق دېدى: «مەن ئېكولوگىيە باغچىسىدا رېمونتچىلىق قىلىمەن، بىر ئايدا 3000 يۈەن تاپالايمەن. ئاشخانا مۇلازىمىتى ماھارىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە مۇشۇ ئىشنى قوشۇمچە قىلسام، قانچە كۆپ ئىشلىسەم، شۇنچە كۆپ پۇل تاپالايمەن».

كەپشەرلەش تەربىيەلەش كۇرسى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى تەربىيەلەش كۇرسى... تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى ھەربىر ياش ئاڭلىغان دەرسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاز - ئازدىن بىلىم ۋە ماھارەت توپلاپ، قەدەممۇقەدەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدا ماڭماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى