تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جېڭ باڭيى: خەلق ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش

جېڭ باڭيىنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر نيۇ شاۋجيې) خېنەن ئۆلكىسى تاڭخې ناھىيەسى گوتەن بازىرىنىڭ چەيۋەن كەنتىدە كۈزگى بۇغداي ئەمدىلا تۇپراقنى يېشىل لىباسقا ئورىغانىدى، بۇ جاي ئىنقىلابىي قۇربان جېڭ باڭيى قۇربان بولغان جاي. بۈگۈنكى كۈندىكى چەيۋەن كەنتى باياشات، خاتىرجەم بولۇپ، بۇ دەل جېڭ باڭيىنىڭ 22 يىل ئىلگىرىكى ئارزۇسى ئىدى.

جېڭ باڭيى، 1954 - يىلى تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ تاڭخې ناھىيەسىدىن، خەنزۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، 1978 - يىلى 1 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 1988 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېنەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىرلار مەكتىپى ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ خەلق ساقچىسى، تاڭخې ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى، مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - دەرىجىلىك مەسئۇل ساقچى بولغان.

1997 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جېڭ باڭيى ئۆچ ئېلىپ قاتىللىق قىلىشتەك ئېچىنىشلىق دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى. دېلو ئەھۋالىنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، جېڭ باڭيى خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە چەيۋەن كەنتىگە بېرىپ رازۋېدكا قىلىشنى قانات يايدۇردى. ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتكەندىن كېيىن، جېڭ باڭيى دەرھال خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇرالغۇسىدىن جىنايەت گۇماندارى يېزىپ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامە ھەمدە پارتلاتقۇچ، پىلتە قاتارلىق بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈردى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، جېڭ باڭيى بىر گەمىدە قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان قاتىلنى بايقىدى. قاتىلنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي ئېتىلىپ بېرىپ قاتىلنى چىڭ تۇتۇۋالدى. قاتىل بەدىنىگە يوشۇرۇۋالغان پارتلاتقۇچنى پارتلاتتى، جېڭ باڭيىنىڭ باش قىسمى ئېغىر يارىلىنىپ، نەق مەيداندا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

«دادام قۇربان بولغان ئاشۇ يىلى، مەن ئاران ئون ياشتا ئىدىم. دەپنە ئىدارىسىدە چىرايى تۈزەشتۈرۈلگەن دادامنى كۆرگەندىكى ئاشۇ چەكسىز ئازابنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن.» جېڭ باڭيىنىڭ قىزى جېڭ مىنىڭ خىرە ئەسلىمىسىدە، ئەينى يىللىرى دادىسى ھەمىشە ئالدىراش بولۇپ، دائىم ئۆيىگە قايتالمايتتى، ئانىسى يەنە ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى، شۇڭا ئۇ دائىم تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ «تەييار تاماق» يېيىشكە مەجبۇر بولاتتى.

جېڭ مىنىڭ ھېسسىياتىغا ئوخشاش، نۇرغۇن خىزمەتدىشىنىڭ نەزەرىدە جېڭ باڭيى ياماندىن نەپرەتلىنىدىغان، خىزمەتتە ئىنتايىن كەسىپچان بولۇپ، ھەمىشە بىر دېلونى پاش قىلىپ بولۇپلا، دەرھال كېيىنكى بىر دېلونى قولىغا ئالاتتى.

«1995 - يىلى ئەتىيازدا، تاڭخې ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىنىڭ دۇڭۋاڭجى يېزىسىنىڭ گۇڭچېنلوۋ كەنتىدە بىر پەۋقۇلئاددە زور ئوغرىلىق شايكىسى بارلىقى توغرىسىدىكى پاش قىلىشىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى، ئاشلىق، ئۆي ھايۋانلىرىنى ئوغرىلايدىكەن، ھەتتا كۆكتاتلارنىمۇ بولدى قىلمايدىكەن، نەچچە ئون كىلومېتىر دائىرىدە قاتتىق پاراكەندىچىلىك سالىدىكەن، كىشىلەر دەككە - دۈككىدە يۈرىدىكەن. جېڭ باڭيى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كۈندۈزى <ئەسكى - تۈسكى يىغقۇچى> قىياپىتىدە ياسىنىپ كەنتتە تەكشۈردى، كېچىدە كەنت سىرتىدىكى يول ئېغىزىدا ساقلىدى. ئۇدا بىر نەچچە كۈن شۇنداق قىلىپ، دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېنىقلىدى.» ئىلگىرى جېڭ باڭيى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان ليۇ چاڭپو ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كېيىن ساقچى تەرەپ كەسكىنلىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 540 نەچچە قېتىم دېلو سادىر قىلغان، ئوغرىلىغان بۇيۇمنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بۇ پەۋقۇلئاددە زور ئوغرىلىق شايكىسىنى بىتچىت قىلدى، شايكىنىڭ 40 نەچچە ئەزاسىنى قولغا چۈشۈردى.

جېڭ باڭيى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، باشتىن - ئاخىر جىنايەتكە زەربە بېرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، چىگىش، قىيىن دېلولارنى ماھىرلىق بىلەن پاش قىلدى، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 2100 نەچچىنى پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، 3700 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى. ئۇ شەخسىي مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىپ، كوللېكتىپنى ئويلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، ئاممىغا قىزغىن ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، نەچچە ئون مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى سوۋغات، پارىنى رەت قىلىپ، خەلق ساقچىسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى. 1998 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

كۆپ يىلدىن كېيىن، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، جېڭ مىمۇ بىر خەلق ساقچىسىغا ئايلاندى، ھازىر نەنياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتەش 3 - چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى، خىزمەت ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر مەمۇر»، «ئىلغار شەخس» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

«دادام مەڭگۈ ھاياتىمدىكى ئۆلچەم بايرىقىم ۋە خىزمەتتىكى ئۈلگەم. مەن دادامنىڭ يولىنى بويلاپ، دادامنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ بىر قەھرىمان نەمۇنىچىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئاددىي قاتناش باشقۇرۇش ئىش ئورنىدا تىرىشىپ ئاممىنى تېخىمۇ قولاي، بىخەتەر قاتناش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمەن» دېدى جېڭ مى، بۇ ھەم ئۇنىڭ قەلبىدە دادىسىغا بەرگەن ۋەدىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى