تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لۇەن جۈن: ھاياتى ئارقىلىق قەسىمىنى قوغداش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لياڭ شۇبىن) خاربىن شەھىرى تەيپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ رازۋېدكىچىسى لۇەن جۈن چارلاۋاتقاندا قولىغا پىچاق ئالغان تۆت قارا نىيەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۇلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئاخىرقى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئوق چىقىرىپ بىر قارا نىيەتكە تەگكۈزگەندىن كېيىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، ھاياتى ئارقىلىق قەسىمىنى قوغدىدى.

لۇەن جۈن، 1959 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1982 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، خاربىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ رازۋېدكىچىسى، تەيپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى شىنلې ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، تەيپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ رازۋېدكىچىسى بولغان.

1998 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تەيپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتى 3 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ، دېلو ئاسان يۈزبېرىدىغان جايغا چوڭقۇر چۆكۈپ چارلىغان، ئەسلىدە دىجورنى بولمىغان لۇەن جۈن جەڭگە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغان.

سائەت 30: 16 لاردا، لۇەن جۈن پۇقراچە كىيىنىپ، ئۈچ ئامانلىق ساقلاش ئاكتىپىنى باشلاپ سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى بويىنى چارلاپ، ئاپتوموبىلدا لىندى كوچىسى ماجياگوۋ توغىنىغا كەلگەن. بۇ يەردە ئىلگىرى كۆپ قېتىم بۇلاڭچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەچكە، لۇەن جۈن قاتارلىقلار بۇ ئەتراپنى ئاختۇرغان. بۇ ۋاقىتتا، قارا نىيەت شۈ چېڭئېن، شۈ يەنجۇڭ، سۈن جىگاڭ، يۈ جيەنۋېي دەل بۇ جايغا يوشۇرۇنۇپ، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانىدى.

لۇەن جۈن ئاختۇرۇپ توغان ئېتىكىدىكى گۈللۈككە كەلگەندە، قارا نىيەت شۈ يەنجۇڭ، سۈن جىگاڭ تۇيۇقسىز دەرەخلىقتىن سۇغىرىلىپ چىققان. لۇەن جۈن ۋارقىراپ: «نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر سىلەر؟ مەن ساقچى!» دېيىشىگە ئىككى قارا نىيەت ئۇنىڭ ئالدىغىلا كېلىپ قالغان بولۇپ، نېرى - بېرى دېمەيلا پىچاقنى تىققان. بۇ ۋاقىتتا، قارا نىيەت شۈ چېڭئېن، يۈ جيەنۋېيمۇ توغاننىڭ ئۈستىدىن ئېتىلىپ چۈشكەن، تۆت قارا نىيەت لۇەن جۈننى ئورىۋېلىپ ئۇنىڭغا غالجىرلىق بىلەن پىچاق تىققان.

ئادەتتىكى ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، لۇەن جۈن تۆت قارا نىيەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان. ئېلىشىش داۋامىدا، لۇەن جۈن تاپانچىسىنى چىقىرىپ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە ئوق ئېتىپ قارا نىيەت شۈ چېڭئېننىڭ سول يوتىسىغا تەگكۈزگەن. قارا نىيەتلەر ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ كەتكەن.

لۇەن جۈننىڭ كۆكرىكى، قورسىقى، دۈمبىسى، بېقىنى، پۇتىغا 23 پىچاق تىقىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. «شۇ كۈنى يامغۇر ياغدى، بەلكىم تەڭرى ياش تۆككەندۇ» دېدى لۇەن جۈننىڭ خىزمەتدىشى، داۋۋەي جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا 2 - چوڭ ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيي ۋاڭ خۇڭجيې.

يېقىن ئەتراپتا ئاختۇرۇۋاتقان ئۈچ ئامانلىق ساقلاش ئاكتىپى ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ۋەقە چىققان جايغا ئېتىلىپ بېرىپ، قېچىپ كېتىۋاتقان شۈ چېڭئېن، يۈ جيەنۋېينى تۇتقان. ئەتىسى چۈشتە، قالغان ئىككى قارا نىيەت شۈ يەنجۇڭ، سۈن جىگاڭمۇ تۇتۇلغان. سوراق قىلىش ئارقىلىق، تۆتىلىسىنىڭ ئادەتلەنگەن جىنايەتچى ئىكەنلىكى، ئىككى ئاي ئىچىدە جامۇس شەھىرى، خېگاڭ شەھىرىدە بەش قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقى، ۋاسىتىسى قەبىھ بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، ئۈچ ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئېنىقلانغان.

«شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇنداق ۋەھشى قارا نىيەتلەرنى ئۇچرىتىپ باقماپتىكەنمەن. لۇەن جۈن تاپانچىسىدىكى بەش پاي ئوقنىڭ تۆت پېيىنى ئېتىپتۇ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى چىقىرىپتۇ» دېدى ۋاڭ خۇڭجيې.

پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىغا، لۇەن جۈن خەلق ساقچىسى بولۇش ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە قۇربان بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا كوممۇنىستلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن، دەپ يازغان. ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلدى.

1998 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، لۇەن جۈنگە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلاندى.

ساقچى بولغان ئون نەچچە يىلدا، لۇەن جۈن باشتىن - ئاخىر جىنايەتكە زەربە بېرىشنى بۇرچ قىلىپ، جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 311نى پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 94نى تۇتتى. لۇەن جۈن خىزمەتتە ناھايىتى غەيرەتلىك بولۇپ، بىر تاكسى بۇلاش چاتما دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يېزىدا ئۇدا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرغان.

ئادەتتە لۇەن جۈن ھەمىشە خۇشال يۈرەتتى، چىقىشقاق ھەم كەمتەر ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىچكى ۋەزىپە خادىمى جوۋ يىڭنەن ئۇنىڭ بىلەن كەسىپ مىقدارى ئىستاتىستىكىسى ئىشى توغرىسىدا پاراڭلاشقان، 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇ يىلى لۇەن جۈننىڭ بەرگەن جاۋابى ئۇنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە: «ياش يولداشلارغا بېرەيلى، ماڭا ھېچنېمە لازىم ئەمەس».

خوتۇن - بالىلىرىنىڭ نەزەرىدە، ئۇ سېپى ئۆزىدىن خىزمەت مەستانىسى ئىدى. بەزىدە ئۆيگە قايتقاندا كىيىمىنى سالماي تۇرۇپلا تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ يەنە چىقىپ كېتەتتى. «بەزىدە ئەتىگەنلىرى ئاپام ماڭا، دادامنىڭ تونۈگۈن كەچتە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، مەن تېخى ئورنۇمدىن تۇرماستىنلا يەنە ئىشقا كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەتتى» دېدى ئوغلى لۇەن ياڭ.

دادىسى قۇربان بولغاندا، لۇەن ياڭ ئاران 12 ياشتا ئىدى. ئاتىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، لۇەن ياڭمۇ كېيىن ساقچى فورمىسى كىيىپ، دادىسىنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، لۇەن ياڭ ئىدارىدىكى كەسپىي تايانچ بولۇپ يېتىلىپ، ئۇدا ئۈچ يىل خاربىن شەھىرى بويىچە جىنايى ئىشلار رازۋېدكا سېپى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. «دادامنىڭ ماڭا بەرگىنى شان - شەرەپ بولۇپلا قالماي يەنە بېسىممۇ بولدى، مەن جەزمەن تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىمەن» دېدى لۇەن ياڭ.

شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، لۇەن ياڭ ساقچى فورمىسى كىيگەن تۇنجى كۈنى ئاپىسىنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان: «ئوغلۇم، داداڭنىڭ يۈزىنى تۆكمە» دېگەن گېپىنى باشتىن - ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى