تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

چېن شىشىن: ھاياتى ئارقىلىق ساداقىتىنى پۈتۈش

چېن شىشىننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لياڭ جيەنچياڭ) خۇبېي ۋۇخەنگە جايلاشقان خۇبېي ساقچى ئوفىتسېرلار شۆيۈەنىدە بىر ئالاھىدە قەھرىمانلار، قۇربانلار تېمى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر پارچە سۈرەت ۋە بىر ئابزاس خەتتە «مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» چېن شىشىننىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن. يېقىندا، خۇبېي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، خەلق ساقچىسى چېن شىشىننىڭ ئىش ئىزلىرى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى.

1971 - يىلى تۇغۇلغان چېن شىشىن كومپارتىيە ئەزاسى. 1993 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇ خۇبېي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن فاڭشيەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئارقىدىن، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فاڭشيەن ناھىيەسى ياۋخۇەي ساقچىخانىسى، جۈنديەن ساقچىخانىسىدا خىزمەت قىلغان، 1995 - يىلى 8 - ئايدىن 1998 - يىلى 7 - ئايغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فاڭشيەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەييارلىق سوراق بۆلۈمى ۋە جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىدە خىزمەت قىلغان.

1998 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، چېن شىشىن فاڭشيەن ناھىيەسى چېڭگۇەن بازىرى شىخې دەرياسى توسمىسىدىكى فاڭشيەن پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئەتراپىدا كەينى - كەينىدىن يۈزبەرگەن پىچاق كۆتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلىشقا قاتناشقان. باشقىچە سىياقتا ياسىنىپ، چېن شىشىن خىزمەتدىشى لو چىن بىلەن دېلو يۈزبەرگەن توسما بۆلىكىنى چارلاپ، يۈرۈش - تۇرۇشى گۇمانلىق تۆت ئادەمنىڭ تىمىسقىلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئىككىيلەن دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارغان.

تۆت ئەر تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلغان، بىر ئەر خەنجەرنى چىقىرىپ چېن شىشىننىڭ كۆكرىكىگە تىرەپ تۇرۇپ: «پۇل چىقار!» دەپ ۋارقىرىغان. يەنە بىر قارا نىيەت لو چىننىڭ قولىدىكى سومكىنى بۇلىغان ھەمدە ئۇنى توسمىدىن ئىتتىرىۋەتكەن. چېن شىشىن: «مەن ساقچى!» دەپ قاتتىق ۋارقىرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سول قولى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پىچاق كۆتۈرۈۋالغان بىر قارا نىيەتنىڭ بېغىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئوڭ قولى بىلەن بېلىدىن كويزىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سالماقچى بولغان.

دەل شۇ چاغدا، ئىككى خەنجەر ئوڭ - سول ئىككى تەرەپتىن بىرلا ۋاقىتتا چېن شىشىننىڭ بېلىگە سانجىلغان. چېن شىشىن قاتتىق ئاغرىققا قارىماي، قارا نىيەتلەر بىلەن قۇرۇق قول قەيسەرانە ئېلىشقان. ئەمما ئۆزى يالغۇز بىر توپ دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمىگەن، ئۇنىڭ بەدىنىگە ئون نەچچە پىچاق سانجىلغاندىن كېيىن، قان ئىچىگە يىقىلغان. چېن شىشىن بىر قارا نىيەتنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ قويۇپ بەرمىگەن، ياۋۇز قارا نىيەت قۇتۇلۇشقا ئالدىراپ، تاكى ئۇ ھوشىدىن كېتىپ يىقىلغىچە، ئۇنىڭ بىلىكى، يوتىسى، بېلىگە شىددەت بىلەن خەنجەر تىققان.

تۆت قارا نىيەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن، چېن شىشىن يەنىلا ئارقىسىدىكى بىر قارا نىيەتنى ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىدىن چىڭ تۇتۇۋالغان. مىڭ تەستە قۇتۇلغان قارا نىيەت يەنە ئۇنى قاتتىق تەپكەن، ھەمدە چېن شىشىننى سۆرەپ ماڭغان. چېن شىشىننىڭ ئىسسىق قېنى يەتتە مېتىر ئارىلىقنى قىپقىزىل بويىغان...

يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، چېن شىشىن شۇ كۈنى سائەت 22دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئەتىسى، جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتى تۆت قارا نىيەتنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. چېن شىشىن ھاياتى ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان چەكسىز سەمىمىي ساداقىتىنى پۈتكەن. 1998 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، چېن شىشىنغا «مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن. خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بەرگەن.

چېن شىشىن قۇربان بولغاندا، ئۇنىڭ ئوغلى چېن لىشياۋ ئەمدىلا بەش ئايلىقتىن ئاشقانىدى. ئۇ قالدۇرغان ساقچى شەپكىسى ئوغلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، دادىسى تاماملاپ بولالمىغان ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، چېن لىشياۋ جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىگە قاتنىشىشقا ئىرادە باغلاپ، خۇبېي ساقچى ئوفىتسېرلار شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ كىردى. «گەرچە سىز قۇربان بولغاندا مەن ئەمدىلا بەش ئايلىقتىن ئاشقان بولساممۇ، لېكىن ئىش ئۇققاندىن كېيىن، ئاپام سانسىز قېتىم كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا سىزنىڭ قارا نىيەتلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ قۇربان بولغان ئىش ئىزلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەردى. دادا، ئوغلىڭىز سىزدىن پەخىرلىنىدۇ!» دېدى چېن لىشياۋ دادىسىنى ئەسلەپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى