تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى مەزمۇنلۇق، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجە - ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماسلىقىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇشى، بۇرچنىڭ زىممىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، سىجىل تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، ئالىيجاناب ھەم قەتئىي غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراش جاسارىتى ۋە پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇشنى ساقلاشقا، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ تېنىدە پەيدا بولغان بارلىق زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى قەتئىي كېسىپ تاشلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان بارلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. تىنچلىقتا خەۋپ - خەتەرنى ئۇنتۇماسلىق، ھاياتلىقتا ئۆلۈمنى ئۇنتۇماسلىق، خۇشاللىقتا غەم - قايغۇنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا روھنى ئۇرغۇتۇپ، نۇرغۇن، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىپ بېرىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۈرئەتلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلايدىغان سىياسىي سەگەكلىك، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىلگىرىلەش ھالىتى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.