تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، بۇرچ زىممىدە بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشى ساپ دىل بولىدۇ. مەيلى بىر ئادەم بولسۇن، بىر پارتىيە بولسۇن، ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرسىمۇ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇقنى ئۆتكۈزسىمۇ خىسلىتىنى بۇرۇنقىدەك ساقلاش.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ دائىم بوشاشماي تۇتۇش كېرەك»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك تەكىتلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشتىكى ئالتە جەھەتتىكى تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئاڭلىق چېنىقتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك بولۇش، بۇرچ زىممىدە بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا قوراللىنىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە - ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنى مەڭگۈ چىڭ ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرماقتا، پارتىيەمىزنى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، پارتىيەمىزنىڭ يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقى، ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلىرى، بەرگەن بارلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈندۇر. دەل مۇشۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلىغاچقا، پارتىيەمىز ئاندىن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدىمۇ تەرەققىي قىلىپ كۈچىيەلىدى، ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالغا يولۇققاندىمۇ قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلىدى، ھالىدىن كېتىپ ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا قالغاندىمۇ كەسكىنلىك بىلەن غەيرەتكە كېلەلىدى. ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇغاندا، پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، خەلقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، كەلگۈسىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ۋەزىيەت، مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تېزلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ كۆپلۈكى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى دۇچ كەلگەن سىناقنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولماقتا. يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، پارتىيە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ئامىللار ھەر ۋاقىت مەۋجۇت، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ھەر جايدا بار، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، سىياسىي ساپ بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى. پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى پۈتۈشتە، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا مۇستەھكەم ئورنىتىشى، ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇشى كېرەك؛ جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ تېنىدە پەيدا بولغان بارلىق زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى قەتئىي كېسىپ تاشلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان بارلىق خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، بۇرچ زىممىدە بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، ئۈزلۈكسىز تۈردە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، لېكىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش بىردەملىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۆمۈرلۈك ئىش، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ئىدىيەدە، سىياسىيدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈپ كۆزىتىشى، تەھلىل قىلىشى، چوڭقۇر ئويلىنىشى، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئارىلاشما ماددىلارنى تېرىۋېتىشى، ۋىرۇسنى يوقىتىشى، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ ھەممىسى دائىم ئىدىيە - سىياسىي جەھەتتە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە «توغرىلىنىش»ى، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بىلەن «سىكاننېرلاش»ى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىدىن ئىبارەت «رېنتىگېنگە چۈشۈش»ى، ئەجدادلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار، ئىلغار تىپلار بىلەن «سېلىشتۇرۇش»ى كېرەك؛ ھەممىسى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزگىچە تارىخىدىن ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدەپ، بۇرچنى رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، بۇرچنى چۈشىنىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئادەم ئىرادىلىك بولسىلا، قاتمۇقات توسالغۇ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ مەنزىلگە يېتەلەيدۇ. ھەممىدە ئالدىغا قاراپ مېڭىش، ھەممىدە ماڭغان يولنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك؛ ھەر قانچە ئۇزاق مېڭىپ، ھەر قانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى روھىمىزغا سىڭدۈرۈپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلساق، بىز مۇقەررەر ھالدا تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرىدىغان، كۈرمىڭلىغان جاپا - مۇشەققەت، زەربىلەرگە باش ئەگمەيدىغان ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ، پۇختا سۈرئەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى