شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرىنى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سۇنۇلغان تۈرلۈك قارار (لايىھە)نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.