تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جۇ خەيلۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 536 كىشى، قاتناشقىنى 474 كىشى، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشى، ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت ئاپتونوم رايوننىڭ بەش نىزامىنى تۈزۈپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، 22 يەرلىك نىزامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى؛ توققۇز قانۇن - نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، 18 مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، قاراپ چىقتى، ئىككى قېتىم مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈشنى تەشكىللىدى، 25 تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ 484 خىزمەتچىسىنى قانۇن بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىلقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىكنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ يەتتىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىن 2019 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى. باھارگۈل سەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، تەپتىش فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، قانۇن نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنى بەرپا قىلىش، تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن 2019 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. لى يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلققە مەسئۇل بولۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن تەپتىش كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.