تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ كۆك - تاقلىرى ئىچىدە «تاغ مەھسۇلاتلىرى» كۆپەيدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن

قەھرىمان ياسىن موگۇ پارنىكىدا موگۇ يىغماقتا. (1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تارتىلغان)

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازاد يۈسۈپجان فوتوسى)

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇياش نۇرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى موگۇ پارنىكىغا چۈشكەندە، قەھرىمان ياسىن قاتارلىق ئون نەچچە ياش پارنىك يېپىقىنى ئېچىپ، شەبنەم سىڭىپ كەتكەن كۆك خىشنى دەسسەپ، قاتار - قاتار زەمبۇرۇغ تاياقچىسى جازىسى ئارىسىدا يۈرۈپ موگۇ يىغدى.

«ھازىر كەنتىمىزدە قارا مور، پىڭگۇ، شياڭگۇ، شيۇجېنگۇ، خوۋتوۋگۇ، مېھرىگىياھ قاتارلىق سەككىز خىل زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. چاغان يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىدىكى تاللا بازار، مېھمانساراي، ئاشخانا، كۆكتات دۇكانلىرى بەس - بەستە مال زاكاز قىلدى، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى، دېيىشكە بولىدۇ» دېدى قەھرىمان پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئىلگىرى كەنتنىڭ قاتنىشى ۋە ئۇچۇرى راۋان ئەمەسلىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يازدا پەقەت بىر نەچچە خىل ئادەتتىكى كۆكتاتلارنى تېرىيدىغانلىقىنى، قىشتا بازارغا بېرىپ بىر نەچچە خىللا قىشلىق كۆكتات سېتىۋالىدىغانلىقىنى، ھازىر كەنتنىڭ «تاغ مەھسۇلاتلىرى» لىق قاچىلانغان كۆك - تاققا ئايلانغانلىقىنى ئويلاپ، قەھرىمان مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ قارا مور كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ خەيتاۋغا مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى سىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلىپ زەمبۇرۇغ ئۆستۈرگەنتىڭلار، مەن تېخنىكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئۆزۈم پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۆستۈرىمەن».

قەھرىمان ئەسلىدە نامرات ئاھالە ئىدى، 2017 - يىلىدىن بۇرۇن ئۇ «بىر مو باغ، ئون مو ئېتىز» ئۇسۇلى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى سىناپ باققان بولسىمۇ، لېكىن نېمە تېرىپ پۇل تېپىشنى بىلەلمىگەنىدى. 2017 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، ئورمانلىقتا قارا مور ئۆستۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزۈپ، قارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچىسى زاۋۇتى قۇردى، قەھرىمان قاتارلىق نامرات ئاھالىلەر زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ھەم قارا مور ئۆستۈرۈش بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىنىش، يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولۇپ، شۇ يىلى كىرىمىنى 9000 يۈەن ئاشۇردى.

«2018 - يىلى، مەن بىر تەرەپتىن ئۆيدە قارا مور ئۆستۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قارا مور كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش باغچىسىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ 2019 - يىلى مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنىلا زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدۇم، قارا مور تېرىشتىن قىلغان كىرىمىم 14 مىڭ يۈەنگە يەتتى» دېدى قەھرىمان. يېقىندا تۇغقىنى سادىر تۇرغۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تاماق ئۈستىلىدە زەمبۇرۇغ قورۇمىلىرىنىڭ مول ئىكەنلىكىگە، ئائىلىسىنىڭ زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بېيىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىپ، ئۇنىڭدىن زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى لى كېچيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قارا مور ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتكەندىن كېيىن، بۇ كەنتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيدى، يەنە ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەردىكى 600 دىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاممىنىڭ قارا مور ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. كەنتتىكى قارا مورغا ئورگانىك مەھسۇلات ئېتىراپنامىسى ئىلتىماس قىلىنىپلا قالماي، مەھسۇلات مىقدارىمۇ 2017 - يىلىدىكى بەش - ئالتە توننىدىن 2019 - يىلىدىكى 60 توننىغا كۆپەيدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قارا مور ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ 10 مىليون تاياقچىگە يەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەتراپتىكى رايونلارمۇ ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2019 - يىلى قىش كىرىشتىن بۇرۇن، تۆۋەنكى مەكىت كەنتى زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش بويىچە تېخىمۇ كۆپ تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن يېڭى سورتنى سىناق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى تېخنىكا ئۆگىتىشنى باشلىدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زەمبۇرۇغ يېڭى سورتلىرىنى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، قەھرىمان قاتارلىق ياشلار قارا مور كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش باغچىسىدىكى ھۆددىگە ئالغان پارنىكتا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ھەر ئايدا 2500 يۈەن مائاش ئالالايدىغان بولدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتقان سەمەت تۇرسۇن ئۆزى بىر پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، يېتىشتۈرۈش باغچىسىنىڭ يېڭى سورت بولغان پىڭگۇ بىلەن شيۇجېنگۇنى ئۆستۈرۈشى، پەرۋىش قىلىشىغا ياردەملەشتى، ئايلىق كىرىمى 6000 يۈەنگە يەتتى.

«بۈگۈن يىغىۋېلىش ۋاقتى توشقان پىڭگۇنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، يەتكۈزگۈچى خادىم ناھىيە بازىرىدىكى جىنچياۋ تاللا بازىرى قاتارلىق خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. ھازىر، ھەر كۈنى يىغىدىغان زەمبۇرۇغ، ھەر كۈنى تاپىدىغان پۇل بار بولدى» دېدى سەمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى