تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇ جاي قېپقېلىپ ئاستا - ئاستا ھۇزۇرلىنىشقا تېگىشلىك جاي»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

«جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا باردىم، مەن شىنجاڭنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىمەن، مەسىلەن، سامسا، پولۇ، لەڭمەن، كاۋاپ... شۇڭا مېنىڭ <شىنجاڭ ئىشتىھايىم> بار بولدى.» يېقىندا ئۈرۈمچى خۇالىڭ ياگاۋ مېيجۆ چوڭ مېھمانسارىيىنىڭ باش دىرېكتورى خەن چياۋچىڭ شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى بەش قولدەك بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

مۇخبىر خۇالىڭ ياگاۋ مېيجۆ چوڭ مېھمانسارىيىغا كەلگەندە، خەن چياۋچىڭ خىزمەتچىلەر بىلەن خىزمەت تامىقىنى مەززە قىلىپ يەۋاتاتتى، بۇ ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى، بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، ئۇ ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋە كەچلىك تاماقنى خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە يەيدىغان بولدى.

خەن چياۋچىڭ گېرمانىيەلىك بولۇپ، «خەن چياۋچىڭ» ئۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى. يەر شارىدىكى داڭلىق زەنجىرسىمان مېھمانساراينىڭ كەسپىي دىرېكتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەن چياۋچىڭ جۇڭگودا 20 يىلغا يېقىن تۇرغان بولۇپ، ئىلگىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەن. 2019 - يىلى 3 - ئايدا، ئۇ ئۈرۈمچى خۇالىڭ ياگاۋ مېيجۆ چوڭ مېھمانسارىيىنىڭ باش دىرېكتورى بولدى.

تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان خەن چياۋچىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، مەخسۇس بىر ۋېلىسىپىت سېتىۋالدى. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇ ۋېلىسىپىت مىنىپ شەھەر ئەتراپىغا بېرىپ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

«شىنجاڭ ناھايىتى بىخەتەر، مەن دائىم يالغۇز سىرتقا چىقىمەن، كەچتىمۇ شۇنداق. ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ يەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە يوق، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.» خەن چياۋچىڭ راۋان خەنزۇ تىلىدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭلىقلار بەك قىزغىن ئىكەن، مەن ھەر قېتىم يولدىن ئېزىپ قالغاندا، ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن ماڭا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

ئۈرۈمچىدە خەن چياۋچىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى؛ دائىم خەلقارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنى سەيلە قىلىپ، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆردى، ھەر خىل خاس يېمەكلىكلەرنى تېتىدى؛ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا نەق مەيداندا نان يېقىشنى كۆردى... ئۇنىڭ نەزەرىدە شىنجاڭ ئىناق، تىنچ، شىنجاڭلىقلار قىزغىن، كەڭ قورساق.

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت، ئۈرۈمچى مېھمانسارايلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ياخشى رىقابەت خەن چياۋچىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇنى ئالاھىدە زوقلاندۇرغىنى شۇكى، بۇ جايدىكى ھەرقايسى مېھمانسارايلار ھەر ئايدا بىر قېتىم بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، كۆپچىلىك ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مېھمانساراينىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرىدىكەن. خەن چياۋچىڭنىڭ كۆپ يىللىق مېھمانساراي باشقۇرۇش تەجرىبىسى بار بولۇپ، ئۇمۇ يەنە ئىنچىكە باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، «خاسلىق» يارىتىشقا تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، خېرىدارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى. خەن چياۋچىڭ قولدا يازغان كارتىنى مېھمانسارايغا چۈشكەن مېھمانلارغا بېرىدۇ. كارتىغا: گۈزەل ئۈرۈمچىگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز، سەپىرىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەپ يېزىلغان.

«شىنجاڭ گۈزەل جاي، بۇ جاي قېپقېلىپ ئاستا - ئاستا ھۇزۇرلىنىشقا تېگىشلىك جاي». خەن چياۋچىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ دوستلار چەمبىرىكىگە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مەززىلىك تائاملىرىغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئەۋەتكەن. بۇ يىل يازدا خوتۇنى ئۇنىڭ 80 ياشقا كىرگەن دادىسىنى ئېلىپ مەخسۇس گېرمانىيەدىن جۇڭگو شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ، تىيانشان بوغدا كۆلى ۋە تۇرپاننى ساياھەت قىلغان، گۈزەل مەنزىرە ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

«ھەر كۈنى ناھايىتى خۇشال ئورنۇمدىن تۇرىمەن، مەن خىزمىتىمنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن، خىزمەت جەريانىدا مەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن مېھمانلار بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلار شىنجاڭنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، بۇ يەرنى تىنچ، ئىتتىپاق، تۇرمۇش مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى، دېيىشتى.» خەن چياۋچىڭ مۇنداق دېدى: مەن گېرمانىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ تۇغقانلىرىم ۋە دوستلىرىمنى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى