تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

شۈ فارۇڭ: ھاياتى بىلەن ئامانلىقنى قوغداش

شۈ فارۇڭنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چيۇ بىڭچىڭ) سۇجوۋ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا بىر قەبرە تېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا «شۈ فارۇڭنىڭ قەبرىسى» دەپ يېزىلغان، قەبرە تېشىدىكى «ئۇ» مەڭگۈ شۇنداق ياش تۇرىدۇ.

شۈ فارۇڭ، 1962 - يىلى 10 - ئايدا جياڭسۇ سۇجوۋنىڭ ۋۇشيەن ناھىيەسى دۇڭجۇ يېزىسىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شۈ فارۇڭنىڭ كىچىكىدىنلا نەتىجىسى ئەلا بولۇپ، 1982 - يىلى 9 - ئايدا ئىمتىھان بېرىپ ھەربىي مەكتەپكە ئۆتكەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قىسىمىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. 1996 - يىلى، شۈ فارۇڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ سۇجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئەسلىدىكى جىنچاڭ شۆبە ئىدارىسى سەنيۈەن ساقچىخانىسىدا بىر ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى بولغان.

1997 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەر سائەت 2 ئەتراپىدا، سەنيۈەن ساقچىخانىسى جىنمېن يولى 388 - نومۇردىكى شىنسۈن ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان، تەۋەلىك رايونىدا چارلاۋاتقان شۈ فارۇڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئىككى ئەزاسىنى باشلاپ، بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان.

شۈ فارۇڭ ناھايىتى تېزلا يوۋ Xنى جىنايەت گۇماندارى دەپ مۇقىملاشتۇرغان. بىر مەھەل قورشاپ توسۇشتىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى ئىككىنچى قەۋەتنىڭ كارىدورىدا قورشاۋغا چۈشكەن. يوۋ Xنىڭ قولىدا ئۆزى ياسىۋالغان چاچما مىلتىق بارلىقىنى كۆرۈپ، شۈ فارۇڭ قىلچە قورقماي، ئۇنىڭغا قورالنى تاشلا، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋالالماي ئېغىر خاتالىق سادىر قىلما، دەپ نەسىھەت قىلغان.

يوۋ X نەسىھەتكە قىلچە قۇلاق سالماي، دېرىزىدىن سەكرەپ قېچىشقا ئۇرۇنغاندا، بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئىككى ئەزاسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بېرىپ ئالدىنى توسقان، كۆزىگە قان تولغان يوۋ X مىلتىقنى بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا قاراتقان. قىل ئۈستىدە تۇرغان پەيتتە، شۈ فارۇڭ ئالدىغا ئۆتۈپ مىلتىق ئېغىزىنى توسۇۋالغان. «پاڭ» قىلغان ئاۋازدىن كېيىن، شۈ فارۇڭ قان ئىچىدە يىقىلغان، قارا نىيەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن.

شۈ فارۇڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، ئەمما چاچما ئوق ئۇنىڭ يۈز قىسمى ۋە بوينىغا تەگكەچكە، يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، شەرەپ بىلەن خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئەمدىلا 35 ياشتا ئىدى. شۇ يىلى 12 - ئايدا يوۋ X سۇجوۋ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شۈ فارۇڭ ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىنغان ھەم 1997 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

سۇجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى گۇسۇ شۆبە ئىدارىسى جىنچاڭ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ما جېنفېڭ بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ساقچىخانىغا كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەندىلا شۈ فارۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغان، بۇ يەرنىڭ شۈ فارۇڭ ھايات ۋاقتىدا جەڭ قىلغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ شەرەپنى تېخىمۇ قەدىرلىگەن. «ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم».

كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى، شۈ فارۇڭ ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان سەنيۈەن ساقچىخانىسىنىڭ نامى بىرقانچە قېتىم ئۆزگەردى، ئۇنىڭ تەۋەلىك رايونى دائىرىسى، خىزمەت مۇھىتى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ تەلىپى، ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. «ئەمما ئىنقىلابىي قەھرىمانلار، قۇربانلار ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ساداقەتمەنلىك، باتۇرلۇق ئۆزگەرمەيدۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەسلىك روھىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.» ما جېنفېڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى خىزمەتلەردە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى داۋاملىق ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چارلاش، دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ساقچى چىقىرىش، مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلىش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پېشقەدەملەر ئورۇنداپ بولالمىغان ئىشلارنى «كۈچ ئۇلىغۇچىلار» تاماملايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى