تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يىن مىڭجى: زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ 20 يېشىدا چېگرا رايوندا قۇربان بولۇش

يىن مىڭجىنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ يەن) ئۇ غەربىي جەنۇبتىكى چېگرا رايون − يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى. 1997 - يىلى 8 - ئايدا، ئۇ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تۇتىدىغان چاغدا دېلو بېجىرىشكە ياردەملەشكەن ئاممىنى قوغداش ئۈچۈن، قولىغا قاتىللىق قورالى ئالغان بىرنەچچە زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشقان. بەدىنىنىڭ ئون نەچچە يېرىگە قىلىچ تىقىلغان ئەھۋالدا، ئۇ يەنىلا زەھەر ئەتكەسچىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ قويۇپ بەرمەي، ئاخىر قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. شۇ يىلى يىن مىڭجى ئاران 20 ياشتا ئىدى.

يىن مىڭجى 1976 - يىلى 10 - ئايدا يۈننەن ئۆلكىسى دېخۇڭ دەيزۇ - جىڭپوزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يىڭجياڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئاساسىي قاتلام كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. گەرچە ئۇ خەنزۇ بولسىمۇ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەچكە، دەيزۇ تىلى، جىڭپو تىلى ۋە بىرما تىلىنى بىلەتتى. يىن مىڭجى كىچىكىدىنلا زەھەرنىڭ نۇرغۇن ئائىلىنى خانىۋەيران قىلغانلىقىغا دائىر مىساللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە، زەھەردىن قاتتىق نەپرەتلىنەتتى. 1994 - يىلى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىن مىڭجى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي سەپكە قاتناشقان. ئەسلىدىكى دېخۇڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى (ھازىرقى دېخۇڭ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى)دىكى جاڭفېڭ چېگرا مۇداپىئە خىزمەت پونكىتىدا يىن مىڭجى جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدىغان پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ مەشىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۈچەيتكەن. نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇ ئىلگىرى ئالتە قېتىم تەقدىرلەنگەن، «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى» «مۇنەۋۋەر ئەسكەر» بولۇپ باھالانغان ھەمدە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلىك سالاھىيىتى بىلەن مۇئاۋىن بەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن.

ۋاقىت ھەش - پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. 1997 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، يىن مىڭجىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىشىگە يەنە تۆت ئاي قالغانىدى. شۇ كۈنى، پونكىت بىر كىشىنىڭ بىرمىدىن بىر تۈركۈم زەھەر سېتىۋېلىپ، پۇرسەت تېپىپ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كىرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ھەمدە دېلونى پاش قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان. دېلو ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان، لېكىن لايىھە «مال تاپشۇرۇۋالغۇچى»دىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق شەخسكە موھتاج بولغان. يولۋاس ئۇۋىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىدىغان بۇ كىشى يۈرەكلىك، ئەستايىدىل، ماھارىتى كۈچلۈك، كاللىسى ئۆتكۈر بولۇشى كېرەك ئىدى، قايتا - قايتا ئويلىشىش، تاللاش ئارقىلىق، يىن مىڭجى شەرەپ بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

شۇ كۈنى كەچتە، يىن مىڭجى سەپداشلىرى بىلەن لۇڭچۈەن ناھىيەسى جاڭفېڭ بازىرى لايىڭ كەنتىگە يېتىپ بارغان، ئۇ «مال تاپشۇرۇۋالغۇچى» سىياقىدا ياسانغان، سەپداشلىرى بولسا يوشۇرۇن جايدا پىستىرما قۇرغان. تۆت - بەش سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، كېچە سائەت 11دىن ئاشقاندا، بىر زەھەر ئەتكەسچىسى پەيدا بولغان، يىن مىڭجى دېلو بېجىرىشكە ياردەملەشكەن ئاممىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشقا ئىشارەت قىلىپ، ئۆزى يالغۇز ئۇنىڭ ئالدىغا بارغان. لېكىن ھىيلىگەر زەھەر ئەتكەسچىسى تۇيۇقسىز ئاپتوموبىلدا سودا قىلىشنى رەت قىلىپ، ئاۋۋال پۇل ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. يىن مىڭجى تەمكىنلىك بىلەن پۇلنى قارشى تەرەپكە سۇنغان، زەھەر ئەتكەسچىسى چاتاق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن شېرىكلىرىگە مەخپىي بەلگە بەرگەن. بىرئازدىن كېيىن، بىر ئەر بىر خالتىنى يۈدۈپ كەلگەن، يىن مىڭجى دەرھال دېلو بېجىرىشكە ياردەملەشكەن ئاممىغا «مال تەكشۈرۈش» ئىشارىتى قىلغان، زەھەر ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ سەپداشلىرىغا ھەرىكەتكە كېلىش مەخپىي بەلگىسى بەرگەن.

بۇ چاغدا، ئىككى زەھەر ئەتكەسچىسى تۇيۇقسىز پىچاق چىقىرىپ پۇل، مالنى بۇلىماقچى بولغان، يىراقتىن يەنە بەش ئادەم يۈگۈرۈپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ قولىدا قىلىچ بار ئىدى. يىن مىڭجى زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان، دېلو بېجىرىشكە ياردەملەشكەن ئاممىنىڭ تۆت زەھەر ئەتكەسچىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئېتىلىپ بېرىپ، قىلىچلارنى بەدىنى بىلەن توسقان.

ئۇ تەرەپتىن سەپداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتاتتى. بۇ تەرەپتە، زەھەر ئەتكەسچىلىرى قاچماقچى بولۇۋاتاتتى. قورسىقىنىڭ سول ئاستىنقى قىسمىغا قىلىچ تىقىلغان يىن مىڭجى ئورنىدىن تۇرغان. ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچلۈك غەيرىتى بىلەن بىر زەھەر ئەتكەسچىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان، غالجىرلاشقان زەھەر ئەتكەسچىسى قولىدىكى قىلىچنى توختىماي شىلتىغان... سەپداشلىرى يېتىپ كەلگەندە، يىن مىڭجىنىڭ بەدىنىنىڭ ئون نەچچە يېرىگە قىلىچ تىقىلغانىدى، بەدىنىدىن ئاققان قان ئۇنىڭ كىيىم - كېچىكى ۋە ئۇ تۇرغان جاينى قىپقىزىل بويىۋەتكەنىدى، زەھەر ئەتكەسچىسىمۇ ھالسىزلانغان يىن مىڭجىدىن بوشىنىپ چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەنىدى. جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، يىن مىڭجىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، ئەتىسى تاڭ سەھەردە قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. شۇ كۈنى، چوڭ سىڭلىسى يىن مىڭشيانىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ئەسلىدە ئىشىنى تۈگىتىپ تېلېفون قىلىپ، سىڭلىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان يىن مىڭجى ئەمدىلىكتە مەڭگۈ گەپ قىلالمايدىغان بولدى.

يىن مىڭجى قۇربان بولغاندىن كېيىن، 1997 - يىلى 9 - ئايدا، يۈننەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئۇنى 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئالغان؛ 1997 - يىلى 12 - ئايدا، يۈننەن جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى ئۇنى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلغان؛ 1998 - يىلى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىغان. ھەر يىلى چىڭمىڭدا، يىن مىڭجى ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ئورۇن كوماندىر - جەڭچىلەرنى ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىغا بېرىپ قەبرە سۈپۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئۇلارغا قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە، قەھرىمانلار، قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ، يېتەكلەيدۇ.

يىن مىڭجىنىڭ ئىككىنچى سىڭلىسى يىن مىڭيەن كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئاكىسىنىڭ نەرسىلىرىنى رەتلەۋاتقاندا، ئاكىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە «زەھەر چەكلەش كۈرىشى سېپىگە قاتنىشىپ، بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىپ، بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن» دەپ يازغانلىقىنى كۆرۈپ، قەتئىيلىك بىلەن ھەربىي سەپكە كىرىشنى قارار قىلدى. 1998 - يىلى، يىن مىڭيەنمۇ بىر چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى بولدى، ھەربىي سەپكە كىرگەن 21 يىلدىن بۇيان، ئۇ زەھەر دېلوسىدىن جەمئىي 27نى تەكشۈرۈپ پاش قىلىپ، 120 كىلوگىرامدىن ئارتۇق زەھەرنى قولغا چۈشۈردى ھەمدە شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ دېخۇڭ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ بىردىنبىر ئايال جياۋداۋيۈەنى بولۇپ يېتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى