تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر چىن شياۋچۈەن، دۇڭ پېڭمېي خەۋىرى، سۈرىتىنى چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىدى): قىسقىغىنە نەچچە كۈندىلا، چارۋىچى كامال 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، بۇ چىڭگىل ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن قار-مۇز تەنتەربىيە، ساياھەت بايرىمىنىڭ پايدىسىدىن بولۇپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنىڭ يېتىپ كېلىشى كامالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 600دىن ئارتۇق چارۋىچىنى كۆرۈنەرلىك كىرىمگە ئېرىشتۈردى.
2020-يىلى يېڭى يىل كۈنى، «يىپەك يولىنى راۋان ساياھەت قىلىش قار-مۇز شادلىقىغا چۆمۈش»نىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بولغان «يېڭى يىلدا چىڭگىلنى راۋان ساياھەت قىلىش، قار-مۇز بازىرىدا خۇشاللىققا چۆمۈش» چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ قار-مۇز تەنتەربىيە، ساياھەت بايرىمى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى دولانىزارلىق مەنزىرە رايونىدا باشلاندى.
ساياھەت بايرىمى ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ۋە زامانىۋى ماھارەت تەنتەربىيەسىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈردى، پائالىيەت ئىككى كۈن قانات يايدۇرۇپلا ئون مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، شۇنداقلا نەق مەيدان بازاردىكى 50تىن ئارتۇق يايمنىڭ سودىسىنى، ھەمدە نەچچە يۈز نەپەر چارۋىچى شۇغۇللىنىۋاتقان ئات چانىسى، تۆگىگە مىنىش، قارلىق دالىدا شار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ سودىسىنى قىزىتىۋەتتى.
قار-مۇز تەنتەربىيە، ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش ئەترىتى، بەيگە، چېلىشىش، گۈلخان كېچىلىكى.... پائالىيەتلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن يەنە بىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى، يېقىن ئەتراپتىكى ئارال بازىرى داباتى كەنتىدىكى كامالمۇ خۇشاللىققا چۆمدى، «مەندىكى ئوغۇز، قۇرۇت، كالا مېيى بەكمۇ ياخشى سېتىلدى.» كامال پائالىيەت باشلىنىپ ئىككى سائەتتىلا 400 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. «ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىكەن، نەرسىلەرنى ئاز تەييارلاپ قويۇپتىمەن، ساتىدىغانغا يەتمەي قالدى!» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىلگىرى بۇ نەرسىلەرنى تەييارلاپ قىشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ساقلاپ قويىدىغان بولۇپ، بۇنچىۋالا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدىغىنىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەن.
ساياھەتچىلەر قار-مۇز تەنھەرىكەت، ساياھەت بايرىمىدا بەس-بەستە ئات چانىسىنى سىناپ كۆردى. «گەرچە ئېتىممۇ، مەنمۇ ناھايىتى ھارغان بولساقمۇ، ئەمما قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى ئېيتمايلا قوياي.» ئەتراپتىكى ئارال بازىرى قاراڭغۇ توقاي كەنتتىكى چارۋىچى شىلىبېك ئەڭ بەستلىك ئېتىنى يېتىلەپ كەلدى، ئات چانىسىنى ئۇ ئىنىسى بىلەن بىللە ياسىغان بولۇپ، پائالىيەت نەق مەيدانىغا كەلگەندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ ئاساسەن بىكار قالمايدىغانلىقىنى ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ساياھەتچىلەر ئۆچىرەت تۇرۇپ ئات چانىسىغا ئولتۇراتتى. نەق مەيداندا ئات چانىسى تىجارىتى قىلىدىغان نەچچە ئون نەپەر چارۋىچىنىڭ سودىسىمۇ شۇنداق ئىتتىك بولدى. «بىر ئاتنىڭ كۈنىگە 1000 يۈەن تېپىشىدا گەپ يوق!» دېدى شىلىبېك پەخىرلەنگەن ھالدا، 1- ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 2- كۈنىدە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى 3000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.
بۇ قېتىملىق قار-مۇز تەنتەربىيە، ساياھەت بايرىمىدىن سىرت، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسى يەنە قار-مۇز مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، 70 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. خاس مەززىلىك يېمەكلىك، قول ھۈنەر بۇيۇمى قاتارلىقلار كىگىز ئۆي، ئارقا كوزۇپ قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېتىلدى. ئارالتۆبە بازىرىدىكى قۇش باققۇچى تيەن گۇي ئۆيىدە باققان قىرغاۋۇل قاتارلىقلارنى سېتىپ، شۇ كۈنى ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، مەركەزلىك ھالدا بايراملىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغاندىن سىرت، چىڭگىل ناھىيەسى يەنە قىش پەسلىدىكى تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چاغانلىق مال يەرمەنكىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، يەرلىك ئاممىنىڭ مەنىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشىنى رەڭدارلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە يەرلىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرگەن.