تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىڭىز قېنىپ ئۇخلاۋاتامدۇ

    ھازىر ئاتا – ئانىلار بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. مۇنداق بىر ئادەتنى بالا يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ئۇخلاش ئادىتى. ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا بەدەندە ئاجرىلىپ چىققان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن كۈندۈزدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بالىنىڭ بەدەن تەرەققىياتىغا ناھايىتى پايدىلىق. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقى بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ۋاسىتىلىك ھالدا بالىنىڭ بەدەن سۈپىتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      بالا قانچىلىك ئۇخلىسا مۇۋاپىق؟

     ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا:

      يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۈنىگە 20 – 22 سائەت؛

     ئىككى ئايلىق بوۋاقلار 16 - 18 سائەت؛

     تۆت ئايلىق بوۋاقلار 15 – 16 سائەت؛

     سەككىز ئايلىق بوۋاقلار 14 – 15 سائەت؛

     بىر ياشلىق بالىلار 13 – 14 سائەت؛

    2- 3 ياشلىق بالىلار 12 – 13 سائەت ئۇخلىشى كېرەككەن.

    4 – 5 ياشلىق بالىلار 11- 12 ئۇخلىشى كېرەككەن

  بىراق، مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، يۇقىردا دېيىلگىنى بىر پۈتۈن بالىلار توپىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، ھەر بىر بالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا بەلكىم يەككە پەرق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بەزى بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى يۇقىرىقىدىن پەرقىلەنسىمۇ، ئەمما بالا ھەر قايسى جەھەتتىن نورمال يېتىلىۋاتقان بولسا، ئاسان ئاغرىپ قالمىسا، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئارتۇق ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

  ئۇنداقتا بالىلارنىڭ قېنىپ ئۇخلىغان ئۇخلىمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ مۇتەخەسىسلەر مۇنداق قارايدۇ:

  1. سەھەردە ئۆزى تەبئىي ئوينىغىدۇ، ئويغانغاندا يىغلىمايدۇ، روھىي ھالىتى ياخشى بولىدۇ.

  2. كۈندۈزى پۈتۈن كۈن روھىي ھالىتى ياخشى، تېتىك بولىدۇ، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا قىزىقىدۇ.

  3. ئىشتىھاسى ياخشى بولىدۇ، تاماق تاللايدىغان، تاماقتىن زېرىكىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ.

  4. ئېغىرلىقى ۋە بەدەن ئېگىزلىكنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نورمال بولىدۇ:

  ئېغىرلىقنى ئېلىپ ئېيتساق، 0–6 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بىر ئايدىكى ئېغىرلىق ئېشىش سۈرئىتى 600–800 گىرامغىچە، 7–12 ئايغىچە بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىق ئېشىش سۈرئىتى 250–300 گىرامغىچە، بىر ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ئېغىرلىق ئېشىش سۈرئىتى 150 گىرامدىن يۇقىرى بولىدۇ.

  بەدەن ئېگىزلىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، بوۋاقلار تۇنجى يىلى 25 سانتمېتىر، ئىككىنچى يىلى 10 سانتىمېتىر، ئىككى ياشتىن كېيىنكى قىزلار يىلىغا 4–6 سانتىمېتىر، ئوغۇللار 5 – 7 سانتىمېتىر ئۆسسە مۇۋاپىق.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى