تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەنجۈرنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۈچەينى تازىلاش، ئىششىق ۋە زەھەرنى ياندۇرۇش رولى بار

  يۇتقۇنچاقنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەينى تازىلاش ئۈنۈمى

  نۇرغۇن كىشىلەر ئەنجۈرنىڭ چېچىكى يوق، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ چېچىكى كىچىك بولغاچقا، گۈل تەگلىكى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئەنجۈر دورىلىق يېمەكلىكتىنمۇ ئەلا جۇڭيى دورىسى ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ.

  «زەھەرنى ھەيدەپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش»كە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئەنجۈر يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئەنجۈرنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۈچەينى تازىلاش رولى بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەنجۈرنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئۈنۈمى بارلىقىنى بىلمەيدۇ.

  ئەنجۈرنىڭ ئۈچەينى تازىلاپ، گېموروي كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭمۇ ئاساسى بار. نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭيى-غەرب تېبابىتى بىرلەشمە دوختۇرخانىسى مەقئەت-ئۈچەي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى ۋاڭ يۈەنجاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەدىمدە ئەنجۈردىن پايدىلىنىپ قوشۇمچە داۋالاش ۋە گېموروي كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرۇلغان. «دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى»دا ئەنجۈر گېموروي ۋە گال ئاغرىقنى داۋالايدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. لېكىن، ئەنجۈرنىڭ ئۈنۈمىنى بەك مۇبالىغە قىلىۋېتىشىكە بولمايدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدىغان گېموروي بىمارلىرى ئەنجۈر يېيىشكە تايىنىپ داۋالانسا بولمايدۇ، يېمەكلىك بىلەن داۋالاپ ۋاقتنى كېچىكتۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

  بەزى ئەل ئىچى رېتسىپلىرىدا ئەنجۈردىن پايدىلىنىپ كېكىردەك كېسەللىكلىرى داۋالىنىدۇ، مەسىلەن، يېڭى ئەنجۈرگە ياكى قۇرۇق مېۋىسىگە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات سېلىپ، سۇدا دۈملەپ، ئۆپكە ئىسسىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇتقۇنچاق قۇرۇش، ئاۋازى پۈتۈش قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك داۋالاشقا بولىدۇ.

  ئەنجۈرنىڭ يوپۇرمىقىمۇ بىر خىل جۇڭيى دورىسى بولۇپ، سۇدا قاينىتىپ يۇيغاندىن كېيىن بوۋاسىر ئىششىقىنى داۋالاشقا بولىدۇ.

خەلق تورىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، بازار تەمىناتى تەرتىپلىك بولدى
  • خوتەنلىك 171 دېھقان ئىشلەمچى ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، خۇنەندىكى ئىش ئورنىغا ئىشلەشكە ماڭدى
  • شىنجاڭدىكى كېسەللىكنى كونترول قىلغۇچىلار: بىز قومۇلدا، ۋىرۇسقا يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرمايمىز