تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۆكتوقاي ناھىيەسى: مەززىلىك تائام مۇسابىقىسى بېيىش يولىنى ئاچتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قۇئېرتىش بازىرى بەخت يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسى، مەھەللە ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ، «قىشلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، بېيىش يولىدا مېڭىش» بويىچە دېھقانلار ئارامگاھى مەززىلىك تائام مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  مۇسابىقىدە، يەتتە ماھىر 70تىن ئارتۇق قورۇما تەييارلاپ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائاملىرىنى نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  مەززىلىك تائام مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى سەھرادىن كەلگەن بولۇپ، شۇ يەردە ياشاپ يىلتىز تارتقان پۇقرالارنىڭ ئەل ئىچى يېمەك-ئىچمەك سەنئىتىنى نامايان قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ماھىرلارنىڭ ماھارەت جەھەتتە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىلگىرى سۈرۈش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى دائىم دېگۈدەك ئاشپەزلىك ئۇستىلىرىنى مەھەللىگە كېلىپ ئاھالىلەرنى تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

  ماھىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، كۆپچىلىك كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ، بېيىش يولىدا ئورتاق مېڭىشى كېرەك.

(ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن نۇرلاش سىلاش تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى