تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى: يۈەنمىڭيۈەن قاتارلىق 22 ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلدى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ 22 ساياھەت مەنزىرە رايونىنى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاپ بېكىتىش» ۋە «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»گە ئاساسەن، ئالاقىدار ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، تەرتىپ بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاپ بېكىتىش ئېلىپ بارغان ھەمدە 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى نەتىجىنى ئېلان قىلغان، بېكىتىلگەن 22 ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى يۈەنمىڭيۈەن مەنزىرە رايونى؛

  2. خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرى چىڭشىلىڭ مەنزىرە رايونى؛

  3. سەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھىرى خۇگۇەن تەيخاڭشەن چوڭ جىلغىسى باچۈەنشيا مەنزىرە رايونى؛

  4. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى فوشەن توغراقلىق ساياھەت رايونى؛

  5. لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھىرى قىزىل دېڭىز ساھىلى مەنزىرە كارىدورى مەنزىرە رايونى؛

  6. جىلىن ئۆلكىسى تۇڭخۇا شەھىرى گاۋجۈلى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئاسار ئەتىقە ساياھەت مەنزىرە رايونى؛

  7. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خۇلىن شەھىرى خۇتوۋ ساياھەت مەنزىرە رايونى؛

  8. جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى خۇيشەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى؛

  9. جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرى جىنيۈنشەن تېغى مەنزىرە رايونى؛

  10. جياڭشى ئۆلكىسى پىڭشياڭ شەھىرى ۋۇگوڭ تېغى مەنزىرە رايونى؛

  11. شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى خۇاڭخېكۇ ئېكولوگىيەلىك ساياھەت رايونى؛

  12. خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرى بالىگۇ مەنزىرە رايونى؛

  13. خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھىرى گۇلوڭجۇڭ مەنزىرە رايونى؛

  14. خۇنەن ئۆلكىسى جۇجۇ شەھىرى يەندىلىڭ مەنزىرە رايونى؛

  15. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جاۋچىڭ شەھىرى شىڭخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى؛

  16. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھىرى بەيسې قوزغىلىڭى خاتىرە باغچىسى مەنزىرە رايونى؛

  17. چۇڭچىڭ شەھىرى پېڭشۈي ناھىيەسى ئايى دەرياسى مەنزىرە رايونى؛

  18. سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى بىفېڭشيا ساياھەت مەنزىرە رايونى؛

  19. گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن ئوبلاستى جېنيۈەن قەدىمىي شەھىرى ساياھەت مەنزىرە رايونى؛

  20. شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن شەھىرى يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنى مەنزىرە رايونى؛

  21. گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرى چىسەي دەنشيا مەنزىرە رايونى؛

  22. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پامىر ساياھەت رايونى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى