12-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12- شىسى «يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئىشچى-خىزمەتچىلەر ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، شى ئورگىنى، ھەرقايسى تۇەن-چاڭ خىزمەتچىلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ قاتناشتى.
مۇسابىقىگە جەمئىي 14 ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى، كۆپچىلىك «گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىش»، «بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز»، «بىزنىڭ يېڭى دەۋرىمىز» قاتارلىق قىزىل كىلاسسىك كونا ناخشىلار، دەۋر يېڭى ناخشىلىرىنى قىزغىن ئېيتىپ، 12-شىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ بەردى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، مۇسابىقە نەق مەيدانىدا 1-، 2 -، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە مۇنەۋۋەر مۇكاپات باھالاپ چىقىلدى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى