تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى يېڭى يىلنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

يېڭى بىر يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، يېڭى يىلنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

2-شى باشئەگىم شەھىرى مەركىزىي يەسلىسى

2019- يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، 2-شى باشئەگىم شەھىرى مەركىزىي يەسلىسى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى يەسلىگە تەكلىپ قىلىپ، يېڭى يىلنى تەبرىكلەش بويىچە ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2020-يىلىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قىزىقارلىق ئويۇن ئويناش، ئاتا-ئانىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، يېڭى يىل توغرىسىدا بىلىملەر، بايراملىق قائىدە-يوسۇن، مودا كىيىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق ھالقىلار تەسىس قىلىنىپ، بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ مىننەتدارلىقنى بىلىش ۋە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەندى.

7-شى: پانۇس ئېسىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش

2019-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، 7-شى تيەنبېي يېڭى رايونى لۈيىڭلى مەھەللىسى ئاھالىلىرى قىپقىزىل پانۇسلارنى ئاستى .يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 7-شى تيەنبېي يېڭى رايونىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى مول ۋە رەڭدار بولدى، كىشىلەر گۈزەل ئارزۇلىرى بىلەن يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.

7-شى 125-تۇەنى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بەدەن چېنىقتۇردى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەنتەربىيە، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۆزىگە ئىشەنگەن، ساغلام ھالدا، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قىياپىتىدە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، 2019-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، 7-شى 125-تۇەنى «يېڭى يىلنى تەبرىكلەش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، بەدەن ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش» باش تېمىسىدىكى قىشلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى، مۇسابىقىگە پۈتۈن تۇەن بويىچە 220دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشتى.

7-شى 131-تۇەنى: ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى ئاممىنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى

2019-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 7-شى 131-تۇەنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت پائالىيىتى مەركىزىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويدى. نومۇرلار ئېسىل بولۇپ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ھەممە ئائىلىگە بەخت سۇنۇلدى.

8-شى شىخەنزە شەھىرى: مۇزىكا ئارقىلىق يېڭى يىل سەھىپىسىنى ياڭرىتىش

2019-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، 2020 «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز . مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە يەتكۈزۈش» مۇزىكىلار جەملەنگەن شىخەنزە يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ تۇنجى مەيدان ئويۇنى قويۇلدى.

قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى: يېڭى يىلنى تەبرىكلەش، بەخت تىلەش

2020- يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، گازارمىدىكى ئەسكەرلەر ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى .يېڭى يىل كۈنى، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى مەلۇم تارماق ئەترىتىدىكى يېڭى ۋە كونا ئەسكەرلەر بىرلىكتە ئويۇن ئويناپ، بەخت تىلەپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى