تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قىش پەسلىدە «زىيادە قىزىق» نەرسىلەرنى يېمەڭ

  نۇرغۇن كىشىلەر خوگو، خۇڭشۇ يەپ سوغۇقنى بېسىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇزاق مۇددەت زىيادە قىزىق نەرسىلەرنى يېيىش ئادىتى ئېغىز بوشلۇقى ۋە ھەزىم قىلىش يولىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىز بوشلۇقى راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

  «ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردە كۆيۈك يارىسى كۆپىنچە جىددىي يېمەكلىك يېيىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ئېغىز بوشلۇقىدىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، ئۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا سەزگۈر ئەمەس، يېمەكلىك، ئىچىملىكلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40-50 گىرادۇس بولسىمۇ كۆيگەندەك ھېس قىلمايدۇ. ئەمما ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى قىزىققا چىدىمايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاسانلا كۆيۈپ قالىدۇ.» پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسى جىددىي داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى جوۋ جيەننىڭ ئېيتىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى تەخمىنەن ℃50 تىن ℃60 قىچە قىزىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، بىر نەرسە يېگەندە، قىزىق ھېس قىلغاندا، يېمەكلىك تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ℃70 قا يېتىدىكەن، بۇ ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى كۆيۈك يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، قىزىقلىقى ℃65 تىن يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسى ھۈجەيرىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىز بوشلۇقى راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. قىش پەسلىدە «زىيادە قىزىق» نەرسىلەرنى يېمەسلىك، بىخەتەر بولغان يېمەكلىك تېمپېراتۇرىسى ℃40- ℃10 قىچە بولۇشى كېرەك ئىكەن. (مۇخبىر ۋاڭ بىڭياڭ)

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى