تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شىنجاڭ ياخشى جاي| قىزىلقايىڭ كەنتى: پۇقراۋى قونالغۇنىڭ سېھرىي كۈچى ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالدى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ، پىراكتىكانت مۇخبىر ۋاڭ جىڭيۈ خەۋىرى): بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتى بۇرچىن دەرياسى بىلەن قارا ئېقىن ساھىلىنىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان بولۇپ، قىش پەسلىدە دەريادا سۇ پارى تۇمانلىق ھاۋارايى بىلەن دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى دەرەخ شېخىدا تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىنى پەيدا قىلىپ، «چۆچەك شەھىرى» بۇرچىندىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇردى. 
    «سۆڭگىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم سىرلىق ئىكەن. بىر كېچىدىلا  دەرەخ شاخلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۈنچىدەك سۆڭگىلەر ئېسىلىدىكەن، كۈن چىققاندىن كېيىن يەنە غايىپ بولىدىكەن.» 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، خۇنەنلىك ساياھەتچى ۋاڭ يەن بىلەن ئۈچ دوستى كەنت ئاھالىسى ئازاد مۇھەممەتنىڭ ئۆيىنى قونالغۇ قىلدى. ۋاڭ يەن ئەسلىدە دوستلىرى بىلەن قاناس مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىشنى پىلانلىغان، ئەمما ئۇلار كەنتتە سۆڭگە كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئات چاڭغىسىغا ئولتۇرۇپ ئاق قېيىن ئورمانلىقىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرۇشنى قارار قىلدى.
     قىزىلقايىڭ كەنتى بۇرچىن ناھىيەسىدىن قاناس مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان جاي. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتە «قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان» مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئائىلە زىيارىتى ساياھەت جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، كەنتنىڭ پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر پۈتۈن كەنتتە پۇقراۋى قونالغۇدىن 42 سى سېلىندى.
    2019-يىلى 7-ئايدا، قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئائىلە زىيارىتى ساياھەت جەمئىيىتى كەنتتە ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، ياتاق تىزىملاش سىستېمىسىنى كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەرز-شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئەندىشىدىن خالاس قىلدى. قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئائىلە زىيارىتى ساياھەت جەمئىيىتى يەنە كەنتتىكى پۇقراۋى قونالغۇلارغا بىر تۇتاش ئالاھىدە كەسىپ ئىجازەتنامىسى بېجىرىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.   
    قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئائىلە زىيارىتى ساياھەت جەمئىيىتى يەنە پۇقراۋى قونالغۇنىڭ پىلان لايىھەسى، ياتاق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ساياھەتچىلەر تەقسىماتى، پۇقراۋى قونالغۇ بەلگىسى، پۇقراۋى قونالغۇ بېزەكچىلىكى قاتارلىق بەش جەھەتتە بىر تۇتاش ئۆلچەم قوللاندى. باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولغاچقا، كەنتتىكى پۇقراۋى قونالغۇ ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. «2019-يىلى، بىز 25 مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، ساياھەتچىلەر 2018-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپ ئاشتى» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قىزىلقايىڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى پېڭ لۇچىڭ.
    خۇاجيەنتاڭ پۇقراۋى قونالغۇسىدا، ياتاق ئىنتايىن پاكىز بولۇپ، گۈللۈك كىرلىكلەر كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، يەنە 24 سائەت ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    خۇاجيەنتاڭ پۇقراۋى قونالغۇسىدا 14 كىشىلىك كارىۋات بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئازاد يەنە تاماق تىزىملىكىنى بېسىپ چىقاردى. خۇاجيەنتاڭ پۇقراۋى قونالغۇسى 2019-يىلى 8-ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن باشلاپ 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.
    قىش پەسلىدە قونۇپ قالىدىغان ساياھەتچىلەر بىر قەدەر ئاز، قىزىلقايىڭ كەنتى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى موللاشتۇرۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالىدۇ، سۆڭگە مەنزىرىسىدىن سىرت، يەنە قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمانلىقتا ئات مىنىش جەمئىيىتى بىلەن ئات بىلەن چاڭغا سۆرەش جەمئىيىتى ساياھەتچىلەرنى مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، دائىملىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتى تەشكىللىدى. ساياھەتچىلەر يەنە ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن نومۇر زاكاس قىلالايدۇ.
    پېڭلۇچېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازدا كەنتتىكى مىڭ مو گۈل دېڭىزى، گۈلخان لاگېرى، ئۆي ئاپتوموبىلى گازارمىسىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، قىزىلقايىڭ كەنتى ساياھەت ئۆتىڭىدىن ساياھەت مەنزىلىگە ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى