تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

چىللىگۈل-مېيخۇا گۈلى خۇشپۇرىقى ھەر تەرەپكە تارىدى

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو . يەنلىڭ چىللىگۈل-مېيخۇا گۈلى مەدەنىيەت بايرىمىدا گۈل تىزىش سەنئىتى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو . يەنلىڭ چىللىگۈل-مېيخۇا گۈلى مەدەنىيەت بايرىمى يەنلىڭ گۈل-گىياھ كۆرگەزمە باغچىسىدا باشلاندى. پائالىيەت جەمئىي ئالتە تۈرلۈك بولۇپ، باشلىنىش مۇراسىمى، چىللىگۈل كەسپى مۇنبىرى، چىللىگۈل-مېيخۇا گۈلى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش، باھالاپ مۇكاپات تارقىتىش، مەدەنىيەت-ساياھەت باش تېما پائالىيىتى، سودىگەر چاقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەدەنىيەت-ساياھەت باش تېما پائالىيىتى چىللىگۈل-مېيخۇا گۈلى ھۆسنخەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى، فوتوسۈرەت كۆرگەزمىسى، توردىكى چىللىگۈل-مېيخۇا گۈلى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى، گۈل كۆرگەزمە باغچىسى مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت بايرىمى، «گۈل شەھىرى» قىشلىق خاس ساياھىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە بولىدۇ. (نيۇ شۇپېي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى