سەھەردىكى تۇنجى قۇياش نۇرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تېمىغا چۈشكەندە، قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالدى.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش، «مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى.
نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ «ئالدىن ئىشقا قوبۇل قىلىشى» نەتىجىسىدە خىزمەت تېپىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.
ئۇيغۇر، تاجىك، قىرغىز...ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار جەم بولۇپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
_ جەنۇب گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى
(جەنۇب گېزىتى مۇخبىرى شياۋ ۋېنگې، شى لېي، جاڭ گۇەنجۈننىڭ شىنجاڭ قەشقەردىن ئەۋەتكەن خەۋىرى)