بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جۈنۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر لى تاۋ خەۋىرى): 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە «سۈپەت نۇرى» ئاممىۋى باھالاش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئارال شەھىرى «مەملىكەت بويىچە سۈپەت جەلپكار شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە «سۈپەت نۇرى» ئاممىۋى باھالاش پائالىيىتىنى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېتەكلەپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، 2019-يىلى جېڭجوۋ، جىڭمېن، تەييۈەن، خېفېي قاتارلىق جەمئىي ئون شەھەر «مەملىكەت بويىچە سۈپەت جەلپكار شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، ئارال شەھىرى شىنجاڭدىكى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر شەھەر بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئارال شەھىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتى، مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن، ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش بويىچە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %98.2كە، «يورۇق ئاشخانا، پاكىز ئوچاق» نىسبىتى %98كە، دورا بۇيۇملىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99كە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش بويىچە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %98تىن كۆپرەككە، ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى 334 كۈنگە يەتكەن، كارخانىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.
كېيىنكى قەدەمدە ئارال شەھىرى سۈپەتنى ئورتاق تۈزەش بويىچە يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، «سۈپەت كۈچلۈك شەھىرى»نى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئارال شەھىرىنى بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەركىزىي شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم سۈپەت كاپالىتى تەمىنلەيدۇ.