تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنە بىر قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلىدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دەي شياۋخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇڭ چېڭجۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): «بۇ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئۇچۇرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، تىجارەت باشلىغان ھامانلا دوستلىرىم بىلەن ئوينىغىلى كەلدىم، ئىشىك ئالدىدىلا قار تېيىلسا نېمىدېگەن پەيزى ھە.» 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە جايلاشقان «بۇلاق رايونى يۇلتۇزلۇق ئاسمان (泉域星空)» خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى . تۆت پەسىل ئارامگاھىدا، ئاھالە فېڭ ياۋ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بۇ يەرگە كېلىپ قار تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. شۇ جايدىكى تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بۇلاق رايونى يۇلتۇزلۇق ئاسمان (泉域星空 خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى . تۆت پەسىل ئارامگاھى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر ۋە ئاھالىلەرنى قىشلىق ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى.

  «بۇلاق رايونى يۇلتۇزلۇق ئاسمان (泉域星空)» خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى . تۆت پەسىل ئارامگاھى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى ئالاساي كەنتىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 580 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ تۈرگە 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. نۆۋەتتە ئېچىۋېتىلگەن 1-قارارلىق تۈرگە 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە 6 قار-مۇز يولى، قار-مۇز دۇنياسى قار ئويۇنى رايونى، قارلىق موتوسىكلىت سىناق رايونى، مۇز تېيىلىش رايونى، قۇتۇپ دېڭىز-ئوكيان ھايۋانلىرى كۆرگەزمە رايونى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋېنلۈي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چۈەن جاۋرۈينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قار تېيىلىش مەيدانى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تىجارەت باشلاپ ھازىرغىچە، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەتراپتىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردىن كەلگەن ئاھالىلەر، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى