تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەننىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە تۇنجى فىلىمى «مېنىڭ ئاچام» شىنجاڭ ئارال شەھىرىدە تۇنجى قويۇلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۈەن شياۋلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى تاۋ، دۇ شىن خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش توغرىسىدىكى تۇنجى فىلىمى «مېنىڭ ئاچام»نى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى بىڭتۇەن 1-شىسىنىڭ ئارال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

«مېنىڭ ئاچام» فىلىمىدە مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، بىڭتۇەن 1-شىسى 13-تۇەنى 11-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى يوۋ لياڭيىڭ ۋە خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىكى ياش دېھقان مەمەتتۇرۇپ مۇساق پېرسوناژ ئەسلىي تىپى بولۇپ، بۇنىڭدا تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقىنىڭ ئىككى چېتىدىكى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن.

يوۋ لياڭيىڭ ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ مەمەتتۇرۇپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئۇنىڭغا قولمۇقول كېۋەز تېرىشنى، چىلان تىكىشنى ئۆگەتكەن، ئۇنىڭ مەبلەغ يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىغا، مېۋە-چېۋە تېرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، نەق مەيداندا ئۇنىڭغا پۇتاش، شالاڭلىتىش، ئۇچىنى ئۈزۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق ھالقىلار بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەمەتتۇرۇپنى ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىش يولىغا باشلىغان. يوۋ لياڭيىڭنىڭ تەسىرىدە، مەمەتتۇرۇپمۇ ئۆگەنگەن ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسىنى ئەتراپتىكى يۇرتداشلارغا ھەقسىز ئۆگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ناخشىسىنى يېزىپ چىققان.

يوۋ لياڭيىڭ بىلەن مەمەتتۇرۇپ ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە مۇنەۋۋەر ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى»، «مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

بۇ ھېكايە بىڭتۇەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك سېنارىست ۋاڭ ئەنرۈننى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇ «مېنىڭ ئاچام» ناملىق كىنونىڭ سېنارىيەسىنى يېزىپ چىققان. ۋاڭ ئەنرۈن مۇنداق دېدى: «<مېنىڭ ئاچام>دا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار يوق، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق دېگەندىن ئىبارەت باش تېما ئىپادىلەنگەن».

كەسپىي كىنو ئۆمىكى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئارال شەھىرىدە سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بىر يىلدىن كۆپرەك قايتا-قايتا پىششىقلاش ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق، كىنو تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن ھەمدە دۆلەت كىنو ئىدارىسى تارقاتقان «ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى»گە ئېرىشكەن.

تۇنجى قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، تاماشىبىن گۈلمىرە نۇر مۇنداق دېدى: «باش پېرسوناژنىڭ ھېكايىسى ھەربىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ ئېچىلدۇرايلى».

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى