تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بوغماق تۈز ئۈچەي راكىنى بالدۇر تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بار

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 1- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى: جۇڭگو تەتقىقات كوللېكتىپى بىر نەچچە مىللىلىتىر قان ئېلىپلا، بوغماق تۈز ئۈچەي راكىنى دەسلەپكى باسقۇچتا تەكشۈرگىلى ۋە دىياگنوز قويغىلى بولىدىغان يېڭى ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا «ئىلىم - پەننى مېدىتسىناغا ئايلاندۇرۇش» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىندى.

     جۇڭشەن داشۆسى ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى شۈ رۈيخۇا كوللېكتىپى 801 نەپەر بوغماق تۈز ئۈچەي راكى بىمارى ۋە 1021 نورمال سېلىشتۇرغۇچىنىڭ قان پىلازمىسىدىن ئېلىنغان ئايلانما ئۆسمىدىكى DNAسىنى يىغىپ، ئۇنىڭدىن بوغماق تۈز ئۈچەي راكىغا دىياگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مېتىللاشتۇرۇلغان توققۇز ماددىنى، شۇنداقلا بوغماق تۈز ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەشكە بولىدىغان مېتىللاشتۇرۇلغان بەش ماددىنى تاللاپ چىقتى. 

     ئايلانما ئۆسمە DNAسى بولسا، ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىغا قويۇپ بېرىلگەن گېن گۇرۇپپىسىنىڭ كىچىك بۆلىكى بولۇپ، بىر خىل ئالاھىدە خاراكتېرلىك ئۆسمە جانلىق بەلگىسى، خۇددى ئۆسمە ھۈجەيرىسى قالدۇرغان بارماق ئىزىغا ئوخشايدۇ.

     بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئايلانما ئۆسمە DNA مېتىللاشتۇرۇلغان بەلگە ماددىسى ئاساسىدىكى تۈز ئۈچەي راكىغا دىئاگنوز قويۇش مودېلىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %96كە يەتكەن، نۆۋەتتە كىلىنىكىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۈز ئۈچەي راكىنىڭ قان زەردابى بەلگە ماددىسى راك تۆرەلمە ئانتېگىنى CEA نىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئاران %67 بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى كېسەل ئاقىۋىتى مودېلىنىڭ بىمارنىڭ ھاياتىنى مۆلچەرلىشىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىمۇ نۆۋەتتىكى كىلىنىكىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان كېسەل ئاقىۋىتى كۆرسەتكۈچىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان، بۇ دوختۇرنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنى تېخىمۇ خاسلاشتۇرۇپ دەل جايىدا داۋالىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەتقىقاتچىلار يەنە 1493 تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان خەتەرلىك كىشىلەر توپىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ۋە ئايلانما ئۆسمىنىڭ DNA مېتىللاشتۇرۇلغان بەلگىسىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، كېيىنكىسى بويىچە تەكشۈرۈپ چىقىلغان دەسلەپكى ئۈچەي راكىنىڭ سەزگۈرلۈكى %89.7كە يەتكەن، ئىلگىرىلەش مەزگىلىدىكى بەز ئۆسمىسى (راكتىن بۇرۇنقى كېسەللىك ئۆزگىرىشى) گە بولغان سەزگۈرلۈكىمۇ %33.3 كە يەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ياخشى بولغان بىمارلارغا بېقىنىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تۈز ئۈچەي راكىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىنى يېڭى ئىجادىي ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىگەن.

 خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى