بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ما دېسۈن، يەن لىشۈەن خەۋىرى): «يېڭىدىن سېلىنغان ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ھەم ئازادە، ھەم يورۇق، يەنە تېخى لىفىت ئورنىتىلىپتۇ، كارىدوردا ئارام ئېلىشقا قولايلىق ئورۇندۇق بار ئىكەن، كېسەل كۆرسىتىشىمىز ئىلگىرىكىدىن كۆپ قولايلىشىپتۇ.» 2019-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، 6-شى 103-تۇەن دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ياشانغان كىشى لى مېيلەن خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.
103-تۇەن دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 11 مىليون 690 مىڭ يۈەن سېلىنما سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئامبۇلاتورىيە بىناسى جەمئىي تۆت قەۋەت بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭيى-غەرب تېبابىتى دورىخانىسى، رادىياتسىيە بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمى، بەش ئەزا بۆلۈمى، داۋالاش ئۆيى، جۇڭگو تېبابىتى سارىيى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.
«سەنشى خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، دوختۇرخانىمىز ئامبۇلاتورىيە بىناسىنى جىنكاڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى دەپ ئاتىدۇق. ئامبۇلاتورىيە بىناسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇەن-چاڭدىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ كېلىپ كېسەل كۆرۈپ، ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق 103-تۇەن دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقتى» دېدى 103-تۇەن دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ۋاڭ چىڭخۇا.