تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۇچۇڭ كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كېچە مەنزىرىسىنى ئاۋاتلاشتۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەن تاۋ خەۋىرى، فوتوسى): ھەر كۈنى تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، گۇچۇڭ ناھىيەسى ئاساسىي شەھەر رايونىدىكى چىراغلار يورۇپ، ئاۋات بولۇپ كېتىدۇ، كېچىلىك ئىقتىساد بۇ گۈزەل قەدىمىي شەھەرنى يەنە بىر قېتىم ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەر ۋە باشقا جايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

  بۇ بىر نەچچە كۈندە، گۇچۇڭ ناھىيەسى تيەنخې مال سېتىۋېلىش مەركىزى، گۇچۇڭ ناھىيەسى خۇيتۇڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى كېچە بولماس شەھەر ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. يول بويى خوگۇ يەۋاتقانلار، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلار، سىچۈەن تىياتىرى ئېيتىپ، چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتى كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.

  كەچ سائەت 9دا، گۇچۇڭ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ جىڭ ئېرى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە تيەنخې مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىكى بالىلار كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسىگە كەلدى، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنىڭ كېچىلىك تىجارەت ئەندىزىسى ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىللە ئويۇن ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «ئادەتتە خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، بالىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدىغان ۋاقىت يوق، كېچىلىك ئىقتىساد ئەندىزىسى ياخشىكەن، بالىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، بىر تەرەپتىن بالىلارغا ھەمراھ بولۇش ئارقىلىق ئوتتۇرىمىزدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.» دېدى ليۇ جىڭ.

  بۈگۈنكى كۈندە، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى سودا ساراي، مېھمانساراي، KTV، مەيخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ خېرىدار كۈتۈۋېلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، سانجى ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى قەدىمىي شەھەر سودا كوچىسىنى ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك مەركىزىي شەھەر كەچلىك ئىقتىسادىدىكى ئۈلگە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، گۇچۇڭنىڭ مەدەنىيەت، ئىستىراھەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە داڭلىق ماركا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، كېچىلىك ئىستېمال تىزىملىكىنى زورايتىپ، «كېچىلىك ئويۇن، كېچىلىك مال سېتىۋېلىش، كېچىلىك مەھسۇلات، كېچىلىك ساغلاملىق، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش، كېچىلىك ئۆگىنىش» قاتارلىق ئىستېمال كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك، سۈپەتلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇپ، ناھىيە بازىرىنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گۇچۇڭ ناھىيەسى كېچىلىك ئىقتىسادنى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۈرلۈك تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شەھەرنى يورۇتۇپ، سودىنى جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدىكەن. نۆۋەتتە قەدىمىي شەھەر سودا كوچىسى، تىيەنخې مال سېتىۋېلىش مەركىزى، خۇيتۇڭ خەلقئارا مال سېتىۋېلىش شەھەرچىسى، خېشىڭ داڭلىق سارىيى، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يېمەك-ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق بىر تۈركۈم كېچىلىك ئىقتىساد رايونى شەكىللىنىپ، جايلىشىشى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، كۆپ مەنبەلىك، باشقۇرۇش قېلىپلاشقان كېچىلىك ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەندىزىسى بارلىققا كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى