تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھاۋا ئۆزگەرسىلا زۇكام بولۇپ قالامدۇ؟ بەدەن ساپاسىنى كۆپ تەرەپتىن تۇتۇش كېرەك

   جۇڭيى تىبابىتىدە كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاشنى ئاساس قىلىش كېرەك، دېگەن گەپ بار، كىچىك بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، «تالنىڭ خىزمىتى يېتەرلىك بولماسلىق»، «ئۆپكىسى ئاجىز بولۇش» قاتارلىق فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شۇڭا، بالىلارنىڭ قايتا - قايتا زۇكام بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنى ئازايتىش كېرەك.

      1. مۇھىتنى ياخشىلاش: بالىلارنىڭ ئىككىلەمچى تاماكا چېكىشىدىن ساقلىنىش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك. سىرتقا كۆپرەك چىقىپ ھەرىكەت قىلىش، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن بۇرۇن ئاپتاپقا قاقلىنىش، بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

      2. ئىسسىق - سوغۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەش: كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، بالىلارنىڭ كىيىمىنى ۋاقتىدا قېلىنلىتىش ياكى نىپىزلىتىش كېرەك. بالىلارنى بەك قېلىن كىيىندۈرمەسلىك، بەك قېلىن ئورۇۋەتمەسلىك، بالىلارغا ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىنى مۇۋاپىق ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان كىلىماتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىتىپ، ئۇلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كىچىك بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا كىيىم - كېچىكى ۋە يوتقىنىنى مۇۋاپىق نېپىزلىتىش كېرەك، بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، كىيىم - كېچىكى، يوتقىنى قېلىن بولۇپ كەتسە، ئىسسىقلىق تارقىلالماي، قىزىتمىسى يانالمايدۇ. 

      3. بەدەننى كۈچلەندۈرۈش: جۇڭيى تېبابىتىدە «ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش، ناچار كەيپىياتتىن يىراق تۇرۇش كېرەك، ناچار كەيپىيات تەننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ» دەپ قارايدۇ، بۇ بەدەن ساپاسى ئامىلىنىڭ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ياخشى بەدەن ساپاسى كېسەلگە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئويۇن ئويناش، يۈگۈرۈش، ئارغامچا سەكرەش، توپ تېپىش، سۇ ئۈزۈش، مۇز تېيلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، زۇكام بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

      4. يېمەك - ئىچمەككە دىققەت قىلىش: ساغلام بولغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش، يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش، تاماق تاللىماسلىق، ئامال بار قارا ئاشلىقنى كۆپرەك يېيىش، بەك تويۇپ كەتمەسلىك كېرەك، تاتلىق يېمەكلىكلەر، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر ھۆل ۋە بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، بېلىق، سۈت قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

      5. ئارام ئېلىش ۋاقتى مۇۋاپىق بولۇش. يېتەرلىك ئۇيقۇ ئورگانىزمنى تولۇق ئارام ئالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇخلىغاندا بەدەندىكى ئۆسۈش ھورمۇنى كۆپلەپ قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئادەتتە بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 11~12 سائەت بولۇشى ھەمدە ئىمكانقەدەر ۋاقتىدا ئۇخلاپ، ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى ئارام ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، سۇس تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ، يۇقۇملىنىشنى ئازايتىش كېرەك.

      6. قارىغۇلارچە قۇۋۋەت تولۇقلاشتىن ساقلىنىش: ئاتا ـ ئانىلار بەدەن سۈپىتى ناچار دەپ بالىلارغا قارىغۇلارچە قۇۋۋەت تولۇقلىماسلىقى كېرەك، ئادەمگىياھ، بۇغا مۈڭگۈزى، قۇرت ئوت قاتارلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى يېگۈزمەسلىكى كېرەك. دوختۇرنىڭ ياردىمىدە، ئىلمىي، مۇۋاپىق تەڭشەش چارىسىنى قوللىنىپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.

(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى