تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يېڭى يىل يېتىپ كەلگەن شۇ پەيتتە شىنجاڭنىڭ بۇ يەرلىرى قىزىپ كەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز خۇاڭ جۈەنجۈەن، نەن خەي، ۋاڭ كې، گۇەن بو، ماۋ رۈيرۈي خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەر خىل يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

تارات كەنتىنىڭ يېڭى يىل كېچىسى.

  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10دا، مەملىكەتلىك ئېگىزگە يامىشىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش يىغىنىنىڭ شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، 1000دىن ئارتۇق قاتناشقۇچى ئېرتىش دەرياسىدىكى ئاسما كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى نەنسەن باغچىسىغا بېرىپ، تىلەك تىلەپ، كېلەر يىلى ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

پويىزغا ئولتۇرۇپ كۆكتوقاي ناھىيەسىگە كەلگەن ساياھەتچىلەر تارات كەنتىدە يېڭى يىل ئۆتكۈزمەكتە.

شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، قار-مۇز كاتتا مەرىكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى.

  شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 23:59 ئۆتكەندە، پۈتۈن مەيداندىكى ساياھەتچىلەر بىرلىكتە تەتۈر ساناق ساناپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. «بىر توپ ئادەم بىرلىكتە تەتۈر ساناق ساناپ، تەنتەنە قىلىپ، تىلەك تىلەپ، ھاياتىمىزدىكى يەنە بىر قېتىملىق بىرىنچىنى كۈتۈۋالدۇق، ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولدى!» ساياھەتچى ئېرنار مۇھەممەتقاننىڭ دېيىشىچە، بۇنداق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ يېڭى يىللىق ئۈمىدكە تولغان. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قار-مۇز كاتتا مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، كۆپچىلىك مۇزىكىغا ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، قار مەيدانىنى ئۇسسۇل مەيدانىغا ئايلاندۇرغان.

شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، قار-مۇز كاتتا مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى.

  1-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىر قىسىم ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى دەم ئېلىش ۋاقتىنى كىچىك بازاردا ئۆتكۈزدى.

  مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، بىر قىسىم ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى نەنسەندە يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىنى ئۆتكۈزۈشنى تاللىغان، كىچىك بازاردىكى كەڭ-تار كوچىلارغا كەلگەن ساياھەتچىلەر شۇ كۈنى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. ماخۇا، پېچىنە-پىرەنىك، چىلان مومىسى، خۇشپۇراق مانتا قاتارلىق بىر قاتار چاغانلىق ماللار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلغان، نەنسەندە يېڭى يىل ئۆتكۈزگەندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەردە چاغانلىق مال سېتىۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى