تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ كەلگەنلەر كەتكۈسى كەلمەيدىغان جاي ئىكەن»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

«خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە، 2019 - يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، جۇڭگو شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 208 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئالتۇن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ» دېدى 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ داشۆ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنى ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئالىبېكىۋا دالىيا مۇخبىرغا.

ئالىبېكىۋا دالىيا رۇسىيەنىڭ يېكاتېرىنبۇرگ شەھىرىدىن كەلگەن. 2018 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئارقا - ئارقىدىن شۇنچە كۆپ «ئويلاپ باقمىغان»لارغا دۇچ كەلگەن.

بىرىنچى «ئويلاپ باقمىغان» ئىشى ئۈرۈمچىنىڭ رەڭدارلىقى بولدى.

دەسلەپ كەلگەندە، ئالىبېكىۋا دالىيا ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغا كىرىپ، ھەيرانلىق بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئاسما كۆۋرۈكلەر بولۇپلا قالماي، يەنە قاتار - قاتار ئېگىز بىنالارنىڭ بارلىقىنى، «خەلقئارا تۈس»كە تولغانلىقىنى كۆردى.

ئىلگىرى، ئالىبېكىۋا دالىيانىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ئاساسەن ھەيۋەتلىك مەنزىرە ۋە تاتلىق مېۋە - چېۋىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. شىنجاڭ بىلەن پىششىق تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇ، ئۇلارنىڭ پەقەت شىنجاڭنىڭ ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ يەنە كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن - نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بارلىقىنى بايقىدى.

«مەن ئىلگىرى خۇڭسەنگە چىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتقان. شەھەرنىڭ چىراغلار چاقناپ تۇرغان كېچىلىك مەنزىرە سۈرەتلىرىنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتقاندىن كېيىن، دوستلىرىم بەس - بەستە ئالقىشلىدى.» ئالىبېكىۋا دالىيا مۇنداق دېدى: يۇرتۇمدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر: ئۈرۈمچىنىڭ بۇنداق چىرايلىق، بۇنداق زامانىۋى ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمىز، دېيىشتى.

شىنجاڭدا كۆپ مىللەت ئىناق بىللە ئۆتىدۇ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن، ئالىبېكىۋا دالىيانىڭ ھېس قىلىشىچە، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ سېھرىي كۈچى ئىكەن.

بوش ۋاقتى بولسىلا، ئالىبېكىۋا دالىيا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئېرداۋچياۋ ھەم شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق جايلاردا سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ يەردە، ئۇ ئوخشىمىغان مىللەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈندۈزى بىر يەرگە يىغىلىپ، قىزغىن سودا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. كەچتە چىراغلار چاقناپ تۇرىدىغان «كېچىلىك ئىقتىساد»نى كۆرىدۇ: قىزغىن ناخشا - ئۇسسۇل شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئاشۇ مەززىلىك تائاملار ھەمدە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ساياھەتچىلەرنى كۆرۈپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ سودا پۇرسىتىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

«دادام تىجارەتچى، ئۇ دائىم ماڭا چوقۇم جۇڭگو تىلىنى ياخشى ئۆگەنگىن دەپ تاپىلايدۇ» دېدى ئالىبېكىۋا دالىيا.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئالىبېكىۋا دالىيا يەنە بۇ جايدىن نۇرغۇن ياخشى دوست تۇتتى. ئىشى يوق چاغلاردا، ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ تۇپراقتا خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك ئېجىل - ئىناق كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

ئالىبېكىۋا دالىيا شىنجاڭلىق دوستلىرى بىلەن بىللە سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنى ئايلىنىشنى ۋە توخۇ قوردىقى، كاۋاپ قاتارلىق شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يەۋاتقان سۈرىتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شىنجاڭنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئالىبېكىۋا دالىيانىڭ ئىنىسىمۇ شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇشنى ئويلىدى.

«شىنجاڭ گۈزەل، شىنجاڭ ياخشى، شىنجاڭ كەلگەنلەر كەتكۈسى كەلمەيدىغان جاي ئىكەن!» دېدى زىيارەت ئاياغلاشقاندا ئالىبېكىۋا دالىيا سەمىمىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى