تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چىڭخەي كۆلى مۇز تۇتۇش مەزگىلىگە كىردى

 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان چىڭخەي كۆلىنىڭ مۇز تۇتقان يۈزى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چىڭخەي كۆلىدە مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. سۈنئىي ھەمراھنىڭ يىراقتىن ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە چىڭخەي كۆلىدە مۇز تۇتقان كۆلەم كۆل كۆلىمىنىڭ % 10ىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ چىڭخەي كۆلىنىڭ مۇز تۇتۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. چىڭخەي ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل چىڭخەي كۆلىدە مۇز تۇتۇش مەزگىلى بۇلتۇرقىدىن يەتتە كۈن كىچىككەن بولۇپ، يېقىنقى ئون يىلدىكى ئوتتۇرىچە مۇز تۇتۇش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 10 كۈن كېچىككەن. چىڭخەي كۆلى ئەتراپىدىكى تۆت مېتېئورولوگىيە پونكىتىنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى مۇز تۇتۇش مەزگىلىنىڭ كېچىكىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ گاڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى»نى ياخشى ئىشلەش  شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش
  • جۇۋاۋا تۈگۈپ ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭلىشىش
  • قىشلىق بېلىق تۇتۇش