تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون 9 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش ھەم 10 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئاچتى

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون 9 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش ھەم 10 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون 9 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش ھەم 10 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تايانچلىرىنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى؛ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، ياڭ يۇڭ، ليۇ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى؛ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 1 - ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن يۈمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ياڭ جۈنمېي يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «9 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»ى، «9 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى قارار»ى ئوقۇپ ئۆتۈلدى؛ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 9 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، 10 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ قوللىشى، يېتەكچىلىكىدە، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، 9 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېسىل ئىستىلى ۋە پۇختا خىزمىتى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك ئىشلارغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. 10 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى، كۈچىشى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى، كۈچىشى، تىرىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى، كۈچىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى، كۈچىشى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى، كۈچىشى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىشى، ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى تارماقلار، ئورۇنلار خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇلارنى دادىل ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشىغا كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك؛ سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش، خىزمەت جەھەتتە قوللاش، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش، پىسخىك جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ئائىلىسىدىكىلەردەك غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك؛ تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرى ھەمدە 10 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تايانچ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. 9 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىرى ۋە تەقدىرلەنگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، 10 - تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تايانچلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندىن بۇرۇن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.