تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ جەزمەن تېخىمۇ گۈللىنىدۇ»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فۇ شياڭلۇڭ

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەمدىلا مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ بولغان رۇسىيەدىن كەلگەن 47 ياشلىق چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى ماراۋلۇدوۋا يۇلىيا ئاناتولىيېۋنا سەل چارچىغاندەك كۆرۈنەتتى. لېكىن، ئۇ ياشاۋاتقان شەھەر ئۈرۈمچى ۋە خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا، چىرايىدا شۇئان ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئەكس ئەتتى. 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن ھازىرغىچە، يۇلىيانىڭ شىنجاڭ داشۆ چەت ئەل تىلى شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. «جەمئىي 802 كۈن بولدى!» دېدى يۇلىيا ئەستايىدىللىق بىلەن.

يۇلىيا شىنجاڭ داشۆنىڭ چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى رۇس تىلى فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلىشقا تەييارلىق بىلەن كەلگەنىدى. «مەن ئالتاي دۆلەتلىك تېخنىكا داشۆسىدىن كەلدىم، ئالتاي دۆلەتلىك تېخنىكا داشۆسى بىلەن شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىقى بار، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتىدۇ ھەم قارشى تەرەپنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپكە كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىدۇ» دېدى يۇلىيا.

شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، يۇلىيانىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىراتى يوق ئىدى. ئالتاي دۆلەتلىك تېخنىكا داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى، ئىلى، ئالتاي قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرگەن، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئوماق بالىلار ماڭا يۇرتىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەتتى، مېنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئىنتىلىشىم دەل شۇ چاغدا باشلانغان».

دەسلەپ شىنجاڭغا كەلگەندە، گەرچە تازا ماسلىشىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ناھايىتى تېزلا يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ كەتتى.

«بۇ، مېنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە خىزمەت قىلىشىم. جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرىمنىڭ قىزغىنلىقى، دوستانىلىقى مېنىڭ بېسىمىمنى تۈگەتتى. چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى رۇس تىلى فاكۇلتېتى ۋە رۇس تىلى مەركىزىدىكى خىزمەتداشلىرىم ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ماڭا خۇددى ئۆيۈمگە قايتقاندەك تۇيغۇ بەردى».

ئوخشاش بولمىغان رايون مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشمۇ يۇلىيانىڭ كۈچلۈك قىزىقىشى ئىدى. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن تۇرپان، تىيانشان بوغدا كۆلى ۋە ئۈرۈمچى نەنسەنگە بارغان، ئۇ يەنە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى ھەممە باغچىغا بارغان. يۇلىيانىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە، دائىم ئۆزىنىڭ باغچىلاردا چۈشكەن ئۆزتارتىم سۈرىتى ۋە مەنزىرە سۈرىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «جۇڭگو شىنجاڭ بىر ئاجايىپ تۇپراق، بۇ يەردە مېنىڭ يۇرتۇمدىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ، ماڭا يۇرتۇمدىن ئانچە يىراقلاپ كەتمىگەنلىكىمنى ھېس قىلدۇردى» دېدى يۇلىيا.

ئۇنىڭ يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىغا تەسەللى بولغىنى، ئۆزىگە تونۇشتەك مەنزىرە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە قويۇق ئادەمگەرچىلىكى ئىدى. «ھەر يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئوقۇغۇچىلىرىم ماڭا مەخسۇس يۆبىڭ تەييارلاپ بېرىدۇ؛ دۈەنۋۇ بايرىمىدا بالىلار ماڭا مەززىلىك تاڭزۇڭزا ئەكېلىپ بېرىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى بايراملاردىكى مەززىلىك تائاملارغا مۇجەسسەملەنگەن جۇڭگو مەدەنىيىتىمۇ مېنى مەپتۇن قىلدى».

يۇلىيا مەززىلىك تائاملارغا ئامراق. «شىنجاڭنىڭ پولۇ، سامسا، كاۋاپ، يەنە توخۇ قوردىقىنى بەك ياخشى كۆرىمەن.» يۇلىيا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن يەنە ئالايىتەن جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرىمدىن بەزى مەززىلىك تائاملارنى ئېتىشنى ئۆگىنىۋالدىم، مەن پۇرسەت بولسا ئېتىپ باقايمىكىن دەيمەن».

ئۈرۈمچىدە، خۇڭسەن تېغى يۇلىيا بېرىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايلارنىڭ بىرى. «مەن تۇنجى قېتىم خۇڭسەن تېغىغا چىقىپ يىراققا نەزەر سالغىنىمدا، ئۈرۈمچىنىڭ بۇنچىلىك چوڭلۇقىنى پۈتۈنلەي ئويلىماپتىكەنمەن، بۇ، خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەر، بەك قالتىس ئىكەن.» يۇلىيا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى ھەربىر ئادەم گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ، مەن بۇ شەھەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى كۆرەلەيمەن».

شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشتىن بۇرۇن، يۇلىيا توردا شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قىسىم خەۋەرلەرنى كۆرگەن، بۇ ئۇنىڭدا يېڭى خىزمىتىگە قارىتا ئازدۇر - كۆپتۇر بەزى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان. لېكىن ئىككى يىلدىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچىلىق تۇرمۇشىدا، ئۇنىڭ كۆرگىنى ۋە ئاڭلىغىنى تامامەن باشقىچە بولدى.

«مېنىڭ سىنىپىمدا خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، تاجىك مىللىتى، قىرغىز مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلار بار، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلار بىر دەرسخانىدا بىللە ئوقۇيدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ، بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئىناق. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىتتىپاقلىق بولغاچقا شىنجاڭ جەزمەن تېخىمۇ گۈللىنىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى