تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئائىلىمىز ئاچقان مېھمانخانىنىڭ سودىسى يەنە ياخشىلاندى

ئاقسۇ شەھەرلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئايگۈزەل ئابلىمىت:

ئائىلىمىز ئاچقان مېھمانخانىنىڭ سودىسى يەنە ياخشىلاندى

مېنىڭ ئىسمىم ئايگۈزەل ئابلىمىت، 23 ياشقا كىردىم، ئائىلىمىز ئاقسۇ شەھىرىدە مېھمانخانا ئاچقان، مەن ۋە ئاكام ئالىمنىڭ ئىشىنى مۇشۇ مېھمانخانىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

مەن ۋە ئاكام تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇماي، ئائىلىمىز ئاچقان مېھمانخانىغا ياردەملەشتۇق. مېھمانخانىدا قونىدىغان مېھمانلار ھەرقايسى جايلاردىن كېلەتتى، مەن دائىم مېھمانلار بىلەن پاراڭلىشاتتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مېھراي ئىسىملىك بىر مېھمان مەن بىلەن تەڭتۇش بولۇپ، دائىم كېلىپ قوناتتى. ئىككىمىز ئاستا - ئاستا تونۇشۇپ، دائىم كېلىشىپ بىللە تاماق يەپ، بازار ئايلىنىدىغان بولدۇق.

مېھراي دائىم ماڭا: «خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى <كاپىر>، ئۇلار بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىشقا بولمايدۇ، خەنزۇلارنى مېھمانخانىدا قوندۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ» دەپ سۆزلەيتتى. دەسلەپتە مەن ئىشەنمىدىم، لېكىن ئۇ دائىم: «مەن سېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇڭ، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سېنى ياخشى بولسۇن دەپ دەۋاتىمەن، سەن بۇ <دىنىي قائىدە>لەرگە ياخشى ئەمەل قىلساڭ، كېيىن ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ» دەيتتى. ئۇ تەكرار دەۋەرگەچكە، مېنىڭ ئىدىيەمدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولدى.

ئاكاممۇ ماڭا ئوخشاش دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇ دائىم يان تېلېفونىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان مەزمۇندىكى سىن فىلىملىرىنى كۆرەتتى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشى بىلەن مەن ۋە ئاكام خاتا يولدا ماڭغانسېرى يىراقلاپ كەتتۇق. ئۇ چاغدا، ئەگەر خەنزۇ مېھمانلار قونغىلى كەلسە، بىز مېھمان توشۇپ كەتتى ياكى گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىم دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇلارنى رەت قىلاتتۇق؛ قونغان باشقا مېھمانلارنىمۇ قىزغىن كۈتمەي، ئەتىگەندىن كەچكىچە «جەننەتكە كىرىش»نىلا ئويلايتتۇق. مۇشۇنداق قىلىپ، مېھمانخانىمىزنىڭ سودىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىكىدەك ياخشى بولماي قالدى، تىجارەت سوممىسىمۇ تۈز سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كەتتى.

مەن خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىم بىلەنمۇ ئالاقىلەشمەيدىغان بولدۇم، كۆپ يىللىق خەنزۇ دوستۇم ليۇ بىڭغا بولغان پوزىتسىيەممۇ ناچارلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمدى مېنى ئىزدەپ كەلمە دېدىم، ليۇ بىڭنىڭ ئەينى چاغدىكى ھەم ھەيران قالغان، ھەم كۆڭلى يېرىم بولغان ھالىتى ھېلىغىچە ئېسىمدە.

بىزنىڭ خىلمۇخىل بىمەنە قىلىقلىرىمىز ئاتا - ئانىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇلار كۆپ قېتىم مەن ۋە ئاكامغا نەسىھەت قىلىپ توسقان بولسىمۇ، لېكىن ئاكام ئىككىمىز پەرۋا قىلمىدۇق. كېيىن، ئاتا - ئانام ۋە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىشى بىلەن، مەن ۋە ئاكام ئاقسۇ شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ تەربىيەلەندۇق.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى بىر مەكتەپ، مۇكەممەل بولغان ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەن بولۇپ، بىزگە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى، قانۇن بىلىملىرىنى، كەسپىي ماھارەتنى ئۆگىتەتتى. مېنىڭ ئەڭ زور ھاسىلاتىم شۇكى، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، نېمىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت، نېمىنىڭ دىنىي ئەسەبىزم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن دىننى باغلىۋېلىپ، بىزنى ئاتالمىش «كاپىر»لارنى چەتكە قېقىشقا كۈشكۈرتۈپ، بىزنىڭ نورمال تۇرمۇشىمىزغا كاشىلا قىلىپلا قالماي، يەنە بىزگە ئېغىر مەنىۋى كىشەن سېلىپ قويدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلەپ يېتەكلىشى بىلەن، ئاكام ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ خاتا قىلمىشىغا قارىتا توغرا تونۇشتا بولۇپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان بولدۇق. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە نۇرغۇن كەسپىي ماھارەت دەرسى تەسىس قىلىنغان، ئاكام ئىككىمىز مېھمانخانا باشقۇرۇشنى تاللىدۇق. ئاكام يەنە غەربچە پېچىنە - پىرەنىك ياساشنى ئۆگەندى، مەن چايچىلىق سەنئىتىنى تاللىدىم. چايچىلىق سەنئىتى دەرسى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمى سۈن ۋېنجۈەن ئىدى، ئۇ بىزگە قايتا - قايتا ئۈلگە كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ھەر خىل چايلارنىڭ تارىخى، دەملەش ئۇسۇلى، ئۈنۈمىنى سۆزلەپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن نۇرغۇن بىلىمنى ئۆگىنىۋالدىم.

تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىز تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن مېھمانخانا باشقۇرۇش بىلىملىرى مېھمانخانا تىجارىتىدە ئەسقاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى قايسى مىللەتتىن بولغان خېرىدار قونغىلى كەلسۇن، بىز ھەممىسىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارغا مېھمانخانىمىزغا كەلسە، خۇددى ئۆز ئۆيىگە كەلگەندەك ھېس قىلدۇرىدىغان بولدۇق. ئەتراپلىق مۇلازىمەت ۋە قېلىپلاشقان باشقۇرۇش مېھمانخانىمىزنىڭ سودىسىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىدى، ئاتا - ئانىمىز بۇنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خۇشال بولۇپ، بىزدىكى ئۆزگىرىشلەردىن شادلاندى.

يېقىندا، بىز ئاكام ئىككىمىز يەنە بىر مېھمانخانا ئاچماقچى، ئاكام يېڭى مېھمانخانىدا بىر چايخانا ئېچىپ، دوستلارنىڭ چاي ئارقىلىق ئۇچرىشىشىنى يولغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن مەخسۇس بىر يۈرۈش چىنە - چەينەك سېتىۋالدىم، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە ليۇ بىڭنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدىم، ليۇ بىڭ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. كۆرۈشكەن كۈنى مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىدىم، يوقىتىپ قويۇپ قايتا ئېرىشكەن بۇ دوستلۇقنى مەن چوقۇم ياخشى قەدىرلەيمەن.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى