تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

چارۋىچىلار ئۈچۈن رەڭلىك پولات ئۆگزىنى مۇستەھكەملەپ بېرىش

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قازاق چارۋىچىلار ئۈچۈن رەڭلىك پولات ئۆگزىلەرنى مۇستەھكەملەپ بەرمەكتە.

     2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ چىڭسۇڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى ئاقسۇ يېزىسى خېيگوۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ رەڭلىك پولات ئۆگزىلىرىنى مۇستەھكەملىدى. 

    ئۈچ ئەترەت ئەزاسى خىزمەت كىيىمى، بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىپ، سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇققا قارىماي شوتىغا يامىشىپ چىقىپ، توك ئىشلىتىپ تۆشۈك تەشتى، بولقا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، پولات چىۋىق بىلەن چىڭىتتى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن پۇختا، پىششىق ئىدى. قىش كىرگەندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى خېيگوۋ كەنتىدىكى 52 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىنى مۇستەھكەملىدى. 

    چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىدىن يامغۇر ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خېيگوۋ كەنتىدىكى نۇرغۇن چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە رەڭلىك پولات ئۆگزە ئورنىتىپ بېرىلدى. چارۋىچىلارنىڭ كونا، قىيىن مەسىلىلىرى ھەل بولدى، لېكىن يېڭى مەسىلىلەرمۇ يەنە پەيدا بولدى. خېيگوۋ كەنتىنىڭ داۋانچىڭ شامال ئېلېكتىر بازىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى  ئاران ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، بىر يىلنىڭ يەتتە ئېيىدا شامال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، بۇ يىل ئىچىدە،  ئۈچ ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ رەڭلىك پولات ئۆگزىسىنى بوران ئۆرۈۋەتكەن بولۇپ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا بىر قېتىم چارۋىچىلارنىڭ رەڭلىك پولات ئۆگزىسى ئۆيدىن 100 مېتىر يىراقلىقتىكى جايغا ئۇچۇپ چۈشكەنىدى.

     «بىز بۇ يەرگە ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگىلى كەلدۇق،  ئاممىنىڭ ئىشى بىزنىڭ ئىشىمىز، بىز چارۋىچىلار ئۈچۈن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بەل باغلىدۇق» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۈ خېتيەن. خىزمەت ئەترىتى بۇ ئىشنى شىنجاڭ چىڭسۇڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە مەخسۇس دوكلات قىلدى. چىڭسۇڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ قوللىدى. 

     «ئۆگزىنى بوران ئۇچۇرۇپ كېتىشتىن ئەمدى ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدىغان بولدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزنىڭ ئەمەلىي قىيىن مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت» دېدى چارۋىچى ھەزرەت خالى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى  

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى