تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى شەھىرى: يېڭى يىللىق كاتتا زىياپەتتە بىللە ئوينايلى

تىيانشان تورى خەۋىرى: 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى، رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ نەنخۇ جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۈيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، شىمىگۇدىكى «كەررىفور» تاللا بازىرىدا «كۈلكە-چاقچاقلار ئىچىدە چاغاننى تەبرىكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» يېڭى يىللىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شياڭشېڭ، كۇەيشەن، ئۇسسۇل، چاتما ناخشا، چالغۇ چېلىش، مودېل مېڭىش قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇندالدى، نادىر ئويۇنلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن مەيداننى قىزىتىۋەتتى. مەھەللە كادىرلىرى، تەۋەلىكتىكى سودىگەرلەر، قوشماق تۇغقانلار ۋە مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

شەھەر ئاھالىسى لۇ يۈنشىيا مۇنداق دېدى: «پائالىيەتتە مەن شياڭشېڭ ئاڭلىدىم، بالىلارنىڭ خۇشال ئوينىغان ئۇسسۇلىنى كۆردۈم، لۈيۈەن مەھەللىسى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزگە قويۇق يېڭى يىل ھىدىنى ھېس قىلدۇرغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بەخت-ئامەت، سالامەتلىك سىلەرگە يار بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىڭلار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن.»

مەھەللىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى سۇ شىنئەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئاھالىلەر، سودىگەرلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى، ئۆز ئارا يېڭى يىللىق سوۋغات بېرىشتى ۋە تىلەك تىلىدى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپچىلىك بەخت ۋە خۇشاللىقنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى، خۇشاللىقتىن ھوسۇل ئالدى.»

(ماقالىنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى، رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ نەنخۇ جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۈيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىن سۈن جېڭسۇڭ، لى جۈەن تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى