تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى: «قار-مۇز زىياپىتى» قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (جاڭ شياۋمى خەۋىرى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى سۈرەت بىلەن تەمىنلىدى): 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى، قەدىمىي تېرە بىلەن قار تېيىلىش دالا مۇسابىقىسى، مۇز توپ مۇسابىقىسى، قار تېيىلىش شەخسلەر ئارا مۇسابىقىسى، مۇز ئۈستىدە ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسى، يېڭى يىلدا ئېگىزگە يامىشىش مۇسابىقىسى، مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى، قەدىمىي تېرە بىلەن قار تېيىلىپ نومۇر كۆرسىتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، تەنتەربىيە بىلەن قىشلىق ساياھەتچىلىكنى باغلاپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدىكەن.

   2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىدا، 50 نەچچە ئۆسمۈر قەدىمىي تېرە بىلەن قار تېيىلىش ۋە زامانىۋى قار تېيىلىش مەشقىنى ئېلىپ باردى.
    «مېنىڭ قەدىمىي تېرە بىلەن قار تېيىلىش تېخنىكام بوۋامدىن مىراس قالغان، داداممۇ قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇ ماڭا بىر قەدىمىي تېرىدىن چاڭغا ياساپ بەرگەن. بۇنىڭدىن كېيىن، قەدىمىي تېرە بىلەن قار تېيىلىشقا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىزنىڭ بۇ جاينىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىمەن» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئېنجىلى ئېرلان.

     قار تېيىلىش مەيدانىدىن باشقا، داچىڭ مەيدانىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىدا كىچىك تەنھەرىكەتچىلەر تەنھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.
    ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بىلەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى چىتەيخې شەھىرى قىسقا ئارىلىقتا تېز تېيىلىش تۈرى بويىچە ياردەم بېرىش ھەمكارلىقى ھاسىل قىلىپ، چىتەيخې شەھىرى كەسپىي ترېنېر ئەۋەتكەندىن باشقا، يەنە كانكى، كانكى ئايىغى، كانكى كىيىمى قاتارلىق قىممىتى 100 مىڭ يۈەنلىك جابدۇق بىلەن تەمىنلىگەن.

    «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ترېنېر ئەۋەتىپ، ناھىيەدىكى 25 تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيەلىدى، ناھىيە بازىرىدىكى ئالتە مەكتەپتىن 100 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تاللاپ مەكتەپ دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ئەترىتى تەشكىللىدى. بىز يەنە مۇز توپ تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق ھەمدە بۇنى مەكتەپنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇردۇق» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى.
    ئىگىلىنىشىچە، قىش كىرگەندىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قار-مۇزدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى سىرتقا چىقىپ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، بۇرۇلتوقاينىڭ قىشلىق ساياھىتىنى تېخىمۇ موللاشتۇرغان.
    كەسپىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدىن باشقا، بۇ يىل قىشتا بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە كېلىپ ھەر خىل قار-مۇز پائالىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.

    بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى نا يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى «قار-مۇز زىياپىتى»نى باشلىۋەتتى، تەييارلىقلار پۈتۈپ ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھانلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى