تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئادىلەنىڭ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيې خۇيبيەن، جېڭ جو

2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىلىشقۇ بازىرى چىغلىقبۇلۇڭ كەنتىگە بېرىپ، يىراقتىنلا مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق، يەنە يېقىنلاپ بارساق، ماشىنىنىڭ رىتىملىق تاراقلىغان ئاۋازى بىلىنەر - بىلىنمەس ئاڭلاندى.

ئاۋازغا ئەگىشىپ، مۇخبىرلار كەنتتىكى بىر كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتىغا كەلدى. «ئاچا - سىڭىللار، بۈگۈن مال تاپشۇرۇشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، كۆپچىلىك غەيرەت قىلىپ ئىشلەڭلار!» زاۋۇت ئۆيىدە، ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك خۇرۇم بوغما چاپان، قېنىق كۈلرەڭ پادىچىلار ئىشتىنى، پۇتىغا قارا رەڭلىك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن بىر قىز مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ ئارىلاپ ئېڭىشىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئۈزلۈكسىز ئىلھاملاندۇراتتى.

ئالدىغا بېرىپ سالاملىشىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئادىلە ئىكەنلىكىنى، كىيىم - كېچەك زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدىن باشقا، ئادىلە بىر نەچچە ئاي بۇرۇن يەنە مەبلەغ سېلىپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىپتۇ. «ھازىرقى تۇرمۇشۇمنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى ئادىلە ھاياجانلانغان ھالدا.

قارىغۇلارچە ئەگىشىش   بېكىنىۋېلىش

ئادىلە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بازاردىكى بىر يەسلىدە ئىشلىگەن، پېنسىيەگە چىققان ئاتا - ئانىسى ھەر كۈنى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالغان، كۈنلىرى ناھايىتى بەختلىك ئۆتكەن. ھالبۇكى، كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن.

2009 - يىلى، ئادىلەنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا، بىرەيلەن يوقلاپ كەلگەن، ئۇ ئادىلەنىڭ مودا كىيىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئانىسىغا: «قىزىڭىز بېشىغا ياغلىق چىگىپ، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشى كېرەك، بولمىسا سىز ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا كىرىسىز» دېگەن. جان ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان ئانىسى بۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشەنگەن ھەم قىزىدىن «ھەقىقىي مۇسۇلمان» بولۇشنى تەلەپ قىلغان. ئادىلە قورقۇپ كېتىپ، يۈزىنى ئوراپ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشكە باشلىغان. ئىدارىغا بارغاندىمۇ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئايال خىزمەتداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلىشقا باشلىغان، يەنە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى قويماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «مۇسۇلمانچە ئەمەس» دەپ قارىغان.

تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن يېرى شۇكى، ئۇ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ «ئۆلۈمدە يىغلاشقا بولمايدۇ، تويدا كۈلۈشكە بولمايدۇ» دېگەن گېپىگە ئىشىنىپ كەتكەن، شۇڭا ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇ يىغلىمايلا قالماستىن، يەنە ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىنى يىغلاشتىن توسقان. «ھازىر ھەر قېتىم بۇلارنى ئويلىسام، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ» دېدى ئادىلە.

كېيىن، ئادىلە يەسلىدىكى خىزمىتىدىن بىراقلا ئىستېپا بەرگەن. «ئەينى چاغدا مەن ئەس - ھوشىمنى يوقىتىپ، يەسلىدە ئىشلەپ تاپقان مائاشىمنىمۇ مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ قارىدىم.» ئادىلەنىڭ ئېيتىشىچە، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ئۇ پۈتۈنلەي بېكىنىۋېلىپ، ھەر كۈنى قانداق قىلغاندا بىر «تەقۋادار مۇسۇلمان» بولغىلى بولىدۇ، دېگەننىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالغان.

قىزىدىكى ئۆزگىرىش ئاتىسىنى ئەندىشىگە سالغان، قايتا - قايتا نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق، ئادىلە يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشقا قوشۇلغان.

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش   مودا قوغلىشىش

تەربىيەلەش مەركىزىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئادىلە ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزى يېقىندا لايىھەلىگەن بىر نەچچە يۈرۈش كىيىمنى كۆرسەتتى. «بىر نەچچە خېرىدار زاكاز قىلىپ بولدى، ئەمدى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن بولۇپ، كېيىن ئۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ پاسوندىكى كىيىملەرنى لايىھەلىمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.

«بۇ لايىھەلەنگەن كىيىملەردە ئاتامنىڭمۇ تۆھپىسى بار» دېدى ئادىلە. ئەسلىدە، ئاتىسىنى يالغۇزسىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئادىلە لايىھەلىگەن ھەر بىر يۈرۈش كىيىمنى ئاتىسىغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن پىكىر ئېلىپ، تاكى ئىككىسىلا رازى بولغانغا قەدەر تۈزەتكەن.

«قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، مەن ئاندىن ئۆزۈمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ھېلىمۇ ياخشى تەربىيەلەش مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىپتىمەن، بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.» ئادىلە مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن بىلىم ۋە ماھارەتنىڭ ھەممىسى ھازىر ئەسقاتتى.

كىيىم لايىھەلەشتىن باشقا، تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە، ئادىلە يەنە كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەندى. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئادىلە كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كۆپ ئىشلىگەنلەرگە كۆپ ھەق بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇنەۋۋەر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر كۆپچىلىك بەسلىشىپ ئىشلەيدىغان بولدى.» ئادىلە يەنە بوش ۋاقىتلىرىدا تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن تىياتىر ۋە ئۇسسۇللارنى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئۆگىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشىلىدى.

«گۈزەللىكنى سۆيۈش ئاياللارنىڭ تەبىئىيتى.» ئادىلە مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كىيىشنى ئويلىساقمۇ كىيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتۇق، ھازىر قانداق كىيگۈمىز كەلسە شۇنداق كىيەلەيمىز.» بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپتا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىزلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مەيلى ناھىيە بازىرى ياكى يېزا - كەنتلەردە بولسۇن، ئاياللارنىڭ كىيىنىشى بارغانسېرى مودىلاشتى. كىيىم - كېچەك زاۋۇتى ئېچىشتىن باشقا، ئادىلە يەنە مەبلەغ سېلىپ بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچتى، سودىسى ناھايىتى ياخشى.

مىننەتدارلىقنى يەتكۈزۈش   خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىلىنىش

ئادىلە مۇخبىرلارنى ئۆزىنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. چۈش سائەت ئەمدىلا 12دىن ئاشقاندا، دۇكانغا كەينى - كەينىدىن خېرىدار كەلدى، لوڭقا قويغۇزىدىغان ياكى يۈز تېرىسىنى ئاسرىتىدىغانلار كۆپ ئىدى.

ئادىلەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئالدىنقى ھەپتە يېڭىلا ئۈرۈمچىدىكى كۇرسنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر بىر نەچچە شاگىرت تەربىيەلەۋېتىپتۇ. «بۇ بىر نەچچە ئايدا سودا ئىزچىل ياخشى بولدى، بىر نەچچە شاگىرت تەربىيەلىمەكچى بولۇۋاتىمەن، كېيىن زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىشىمغا قولايلىق بولىدۇ» دېدى ئادىلە.

كىيىم - كېچەك زاۋۇتىنى باشقۇرۇپلا قالماي، يەنە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاچقا، ئادىلە سەل يېتىشەلمەي قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قاتتىق بېرىلىپ ئىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇم قاراڭغۇ بولۇپ، بۇرۇقتۇملۇقتا ئۆتەتتى، كېيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدىم. ھازىر ئوخشىمايدۇ، ھەر كۈنى تۈگىمەس كۈچ - قۇۋۋەتكە تولىمەن، تۇرمۇشۇم مەنىلىك ھەم خۇشال ئۆتىدۇ. ھازىرقى تۇرمۇشۇم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلدى، شۇڭا مەن بۇ مىننەتدارلىقىمنى داۋاملىق يەتكۈزىمەن.

ئادىلەنىڭ كىيىم - كېچەك زاۋۇتى ھازىر ئەتراپتىكى 50 كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇ يەنە ئۈسكۈنىدىن 70 نى زاكاز قىلدى، ۋاقتى كەلگەندە ئاز دېگەندە 150 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

بۇھەجەر نۇرمەمەت ئىلگىرى ئائىلە ئايالى ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلىگىنىگە ئۈچ ئاي بولغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئاپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: تۇنجى ئايلىق مائاشىمنى ئېلىپلا، ئۆزۈمگە بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇمى سېتىۋالدىم. «ھازىر ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بارغانسېرى چىرايلىقلىشىپ كەتتى، ياخشىراق ياسانمىسام، سىرتقا چىقىشتىن خىجىل بولىمەن» دېدى بۇھەجەر.

كېيىنكى پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا، ئادىلە مۇنداق دېدى: مېنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىم ناھايىتى كۆپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ ئېچىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغاچقا، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىشقا توغرا كېلىدۇ. كىيىم - كېچەك زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، بازاردىكى سېتىش يوللىرىنىمۇ كېڭەيتمىسەم بولمايدۇ. مەن كىيىم - كېچەك لايىھەلەش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ چىرايلىق كىيىملەرنى لايىھەلەپ، يېزا ئاياللىرىنى تېخىمۇ گۈزەللىككە ئىگە قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى