تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تەتىلگە قويۇپ بېرىلىپ، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋىرى): ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2019-/2020-يىللىق ئوقۇش يىلىنىڭ 1-مەۋسۇمى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ،  1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىپ، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تەتىل ئاخىرلىشىدۇ. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 2019-/2020-ئوقۇش يىلىنىڭ 2-مەۋسۇملۇق تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى بولۇپ، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي دەرس باشلىنىدۇ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلغان: قىشلىق تەتىل مەزگىلدە، ھەر قايسى مەكتەپلەر قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىش»كە ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇق مىقدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش ۋە يېڭى دەرس ئۆتۈش قاتارلىق قېلىپلاشمىغان قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەتىل مەزگىلىدە تولۇق 3- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلىشى، تولۇق 3- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس تولۇقلىغاندا مائارىپ تارماقلىرىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىغان ئىشلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك تەكرارلاش سىنىپلىرى ۋە كۇرسلارغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشىغا ۋە ئۇيۇشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلاش، دەرستىن سىرتقى تەكرارلاش سىنىپى ئېچىش ياكى دەرستىن سىرتقى تەكرارلاش سىنىپىدا دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قىلىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. ھەر قايسى رايون (ناھىيە)، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى جەمئىيەتتە ئۇيۇشتۇرۇپ ئاچقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قارىتىلغان تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەييارلىق سىنىپلىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  كۆزنى ئاسراش تەربىيەسى جەھەتتە، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۆز ئاسراش مەشغۇلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى جەدۋىلى تۈزۈپ بېرىشگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق سىرتتا پائالىيەت قىلىش، ھەر كۈنى كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ھەر 15-20 مىنۇتتا ئارام ئېلىپ، 10 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت يىراققا نەزەر سېلىش ئارقىلىق كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتقىقات، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى (لاگېرى) دىن پايدىلىنىپ، تەبىئەت، تارىخ، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت، قار-مۇز پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى تەتقىقات-ئەمەلىيەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى