تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۈەن شىياۋلى خەۋىرى) 2019-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 23 تىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، تۈن پەردىسى ئاستىدا يىل ئاتلاش تەتۈر سانىقىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى ئاساسىي سەھنە چىراغلىرى كۆزنى قاماشتۇردى، يېڭى يىلغا تەڭ كىرىش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەر، شەھەر ئاھالىلىرى ئېكراندىكى سان-سىفىرلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ساناشقا باشلىدى، ساناق ئاۋازى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ياڭرىدى.
شۇ كۈنى كەچتە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ناخشا-ئۇسسۇل ئاۋازى ياڭراپ، مەززىلىك تائاملارنىڭ پۇرىقى تارىلىپ، خۇددى خۇشاللىق دېڭىزىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 23تىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىر ئاساسىي سەھنىدە، يىل ئاتلاش تەتۈر ساناق ئېكرانى ئاستىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن تولغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتلارنى تۇتۇپ، دوستلىرى، تۇغقانلىرى، سۆيگىنى بىلەن بىللە يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«1،2،3...2020، يېڭى يىلغا مۇبارەك بولسۇن!...» توختاۋسىز ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقان سان-سىفىرلارغا قاراپ، شەھەر ئاھالىسى ۋۇ خاۋ 4 ياشلىق جىيەن ئوغلىنى كۆتۈرۈپ، بىرلىكتە يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. «يېڭى بىر يىلدا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ساق-سالامەت، خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ ئالاھىدە كۈننى ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئۆتكۈزسە ناھايىتى مەنىلىك بولىدۇ.»
«تەتۈر ساناق سانىلىۋاتقاندا، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ مىنۇتلارنى يان تېلېفونۇمغا ساقلىۋالدىم، يېڭى بىر يىلدا، ئۈرۈمچىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى، تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جوۋ يۈ.