تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قىش پەسلىدىكى تېرە قىچىشىش قۇرغاقلىقتىن پەيدا بولۇشى ناتايىن (3)

يېمەك - ئىچمەكتىكى پەرۋىش:

ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تاماكا، ھاراق، لازا، قارىمۇچ، سامساق، پىياز، جيېمو(قىچا تالقىنى)، سېڭجياڭ، قەھۋە قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش، مايسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.

ياغ ئاز، شېكەر ئاز بولۇش: يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر تېرىنىڭ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالىدۇ. زىيادە كۆپ شېكەر تېرىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى غىدىقلاپ، تېرە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

«رېئاكسىيە خاراكتېرلىك» يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش: بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاز ئېستىمال قىلىش كېرەك.

مانگان تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك: مەسىلەن، دادۇر، خوڭشۇ، سەيخۇا، دابەسەي، لوبو، شوخلا، جۈزە، ئۆرۈك، قارا گۆش قاتارلىقلار.

تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش: مەسىلەن، ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى، سەۋزە، قىچا، چىڭسەي، خۇاڭخۇاسەي قاتارلىقلار.

تەركىبىدە ۋىتامىن B6 مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش: مەسىلەن، بۇغداي كېپىكى، ياڭيۇ ، كۆك پۇرچاق، بەسەي، كالا جىگىرى، بۆرەك، شياڭجياۋ قاتارلىقلار.

تەركىبىدە ۋىتامىن B2 مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش: سېرىق پۇرچاق، ئېچىتقۇ، ھايۋانات جىگىرى، موگۇ قاتارلىقلار.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى