تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى يىللىق تىياتىر كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرۈشكە قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار زوۋ ۋېي، ۋاڭ سىبېي) 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تىياتىر كېچىلىكى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار پايتەختتىكى 1000غا يېقىن ئامما بىلەن خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئويۇن كۆرۈپ، يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالدى.

گۇگۇم چۈشتى، رەڭگارەڭ پانۇسلار كۆزنى چاقنىتاتتى. دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ تىياتىر زالىدا، چىرايلاردا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، خۇشاللىق ساداسى ياڭراپ، باھاردەك ئىللىقلىق ۋە خۇشال بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىك نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئويۇننى كۆرگىلى كەلگەن پېشقەدەم سەنئەتكارلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى دەۋردە، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ياڭراق، ھەيۋەتلىك «دۇمباق ساداسى 2020» بىلەن كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ۋۇجۈ تىياتىرى «ئېتىقاد تەمى»، جۇاڭجۈ تىياتىرى «خۇاڭ ۋېنشيۇ»، جىڭجۈ تىياتىرى «ۋېيخۇشەننى پەم بىلەن ئېلىش» قاتارلىق تىياتىر ئارىيەلىرىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تەك يۈكسەك ئېتىقادى ۋە ئانا ۋەتەنگە بولغان ساپ قەلبى نامايان قىلىندى؛ گۇيجوۋ گۈللۈك پانۇس تىياتىرى «ئەر - خوتۇننىڭ پانۇس سەيلىسى»، دەنجۈ تىياتىرى «خۇەييىن خاتىرىسى»، مىنجۈ تىياتىرى «قوش كېپىنەكلىك يەلپۈگۈچ»، چۇەنجۈ تىياتىرى «ئۆڭكۈر مەنزىرىسى» قاتارلىق داڭلىق كىلاسسىك ئارىيەلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىپادىلىنىپ، ئۇزاقتىن بۇيان تولۇقلىنىپ، يېڭىلىنىپ كېلىۋاتقان بەدىئىي سېھرىي كۈچ نامايان قىلىندى؛ يۈجۈ تىياتىرى «سۇۋۇ»، شاۋجۈ تىياتىرى «شې تەيجۈن»، جىنجۈ تىياتىرى «يۈ چېڭلۇڭ» قاتارلىق نادىر ئارىيەلىرىدە قەدىمكى ئەجدادلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ ئەۋج ئالدۇرۇلغان، مىللىي ئادالەت ياقلانغان، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق تاۋلانغان بولۇپ، قويۇق ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى سىڭدۈرۈلگەن؛ جىجۈ تىياتىرى «شىچيەننىڭ پۈتۈك ئەكېلىشى»، بالىلار تىياتىرى «سەككىز چوڭ بازغان» قاتارلىق نومۇرلاردا مىللىي ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق شاد - خۇراملىققا چۆمگەن ئازادە كەيپىيات يارىتىلغان؛ كۇنچۈ تىياتىرى «كېچىلەپ ئاتلىنىش»، خۇيجۈ تىياتىرى «گۇەنيۈنىڭ سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈشى» قاتارلىق ئارىيەلەر ۋە چامباشچىلىق تىياتىر جەۋھەرلىرى قاتارلىق نومۇرلاردا جۇڭگو تىياتىر سەنئىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان. يېڭىدىن تەييارلانغان تىياتىر ناخشا - ئۇسسۇلى «جۇڭگو، چوقۇم قىلالايدۇ!» كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، «جۇڭگو خەلقى چوقۇم قىلالايدۇ!»، «جۇڭگو چوقۇم قىلالايدۇ!» دەۋرنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى. سەنئەتكارلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ توختىماي ماختىشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ يىلقى يېڭى يىللىق تىياتىر كېچىلىكىدە 13 تىياتىر تۈرى بىر سەھنىدە ئورۇنلاندى، شاۋجۈ تىياتىرى، گۇيجوۋ گۈللۈك پانۇس تىياتىرى، دەنجۈ تىياتىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تىياتىر تۈرى بۇ سەھنىگە تۇنجى قېتىم چىقىرىلدى، ئەسلىي ئىجادىيەتلىك نادىر ئەسەرلەر ۋە پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش، ئۆسمۈرلەردىن ئىبارەت تۆت ئەۋلاد ئارتىسلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋر تىياتىر سەنئىتىنىڭ بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىشتەك گۈللەنگەن مەنزىرىسى نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش ناخشىسى ياڭرىتىلدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئويۇننى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.