تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلەپنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تائام بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى 2019- يىللىق 3- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

«تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلەپنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تائام بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى 2019 - يىللىق 3 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئېھتىياتچان ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازالاش، ئەڭ كەسكىن جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى 2018 - يىلىدىكىدىن 4.22 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى كېرەك. بەنزىنىڭ باشقا ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەشتە جەزمەن بىخەتەرلىكنى كۆزلەش، كەسىپنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا جەزمەن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپكە توغرىلىنىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بايرام مەزگىلىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ئۇنى قەتئىي تۈگىتىپ، يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. 2020 - يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تائام بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جارۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى