تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى باھالاندى، بېرىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈ مىن قاتارلىق سەككىز كىشىگە جۇمھۇرىيەت ئوردېنى بەردى، رائۇل كاسترو رۇز قاتارلىق ئالتە كىشىگە دوستلۇق ئوردېنى بەردى، يې پېيجيەن قاتارلىق 28 كىشىگە دۆلەت شەرىپى نامى بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ شى جىنپىڭ ئىمزا قويغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانىنى ئوقۇدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئەزەلدىن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد يېڭى جۇڭگونىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئاددىي ئەمگەكچىلىرى كۈچ ئۇلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ۋە جان تىكىپ ئېلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، 2015 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىمۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى قانۇنى»نى ئېلان قىلدى؛ 2017 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى.

2019 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىنى مەركەزلىك باھالاش، بېرىشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «دۆلەت ئوردېنى ۋە شەرەپ نامى بېرىشنى بەلگىلەيدۇ ۋە قارار قىلىدۇ»، دۆلەت رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، «دۆلەت ئوردېنى ۋە شەرەپ نامى بېرىدۇ». پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، باھالاش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتى 2019 - يىلىنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولدى، سىستېما بويىچە باھالىغۇچى ئورۇنلارنىڭ رەتكە تىزىش پىكرىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئاساسىدا، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، تۆھپە - نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تۆھپىنى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، ئەخلاق - پەزىلەتتە ئالىيجاناب بولۇش، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىش ئاساسىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكلىپ نامزاتلىرىنىڭ خەلقنىڭ ۋە ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇپ سايلاش، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، نامزاتلارنى تەكشۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەتتە ئاشكارىلاش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە دۆلەتنى قوغداشتا غايەت زور تۆھپە قوشقان، كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلارغا بېرىلىدىغان؛ «دوستلۇق ئوردېنى» دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان چەت ئەللىكلەرگە بېرىلىدىغان؛ دۆلەت شەرىپى نامى ئىقتىساد، جەمئىيەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلارغا بېرىلىدىغان بولدى. دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، تۇنجى قېتىم يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرگە دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بەردى.

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ، ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەت تۆھپە، شەرەپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئەمەلىيىتى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن روھى نامايان قىلىنغان، تۆھپىكار نەمۇنىچىلارنىڭ تارىخىي تۆھپە - نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۈلگە تىكلەش، بايراق تىكلەش بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى