شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسى پات ئارىدا شەكىللىنىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە، كۆكتوقايدىن شەرقىي جۇڭغارغىچە بولغان تۆمۈريول (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى دېيىلدى)نىڭ كۆكتوقايدىن شەرقىي جۇڭغارغىچە بولغان بۆلىكى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، كۆكتوقاي ناھىيەسى رەسمىي دۆلەت تۆمۈريولى قاتناش تورىغا كىرگۈزۈلگەن، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسى پات ئارىدا شەكىللىنىدىكەن.
ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى يۈك تىرانسپورتىنى ئاساس، يولۇچىلار تىرانسپورتىنى قوشۇمچە قىلغان رايون غول لىنىيەسى بولۇپ، لىنىيە ئالتاي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، كۆكتوقايدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالىغا بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 419 كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 260 كىلومېتىر بولۇپ، 2017 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان. كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار بۆلىكىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئالدىنقى مەزگىلدە ئاساسلىقى يۈك تىرانسپورت كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ، يولۇچى تىرانسپورت كەسپى 2020 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېچىلىدۇ.
ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريولى شىمالىي يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى - كۈيتۈن، كۈيتۈن - بېيتۈن، بېيتۈن - ئالتاي تۆمۈريولى ھەمدە ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول تورىنى ھاسىل قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئالتاي - كۆكتوقاي بۆلىكى كېلەر يىلى پۈتۈپ تىجارەت باشلىنىدىكەن.
ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئالتايدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى ھازىرقى 760 كىلومېتىردىن 640 كىلومېتىرغا قىسقىرايدۇ، يۈرۈش ۋاقتى تەخمىنەن ئىككى سائەت قىسقىرايدۇ، بۇ لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش، رايون يول تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەر شارائىتىنى ياخشىلاش، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىنجاڭدىن چىقىدىغان شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئۈچ تۆمۈريولى ئىچىدە، ئوتتۇرا يول لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى، لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ چوڭ ئارتېرىيەلىك رولى گەۋدىلىك ئىكەن، شىمالىي يولدىكى قومۇل - ئېجىنا تۆمۈريولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، جەنۇبىي يولدىكى گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى چىڭ تۇتۇپ ياسىلىۋېتىپتۇ.