تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىمنىڭ سودىسى بارغانسېرى زورايدى

ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ياقۇپجان ئابدۇكېرىم

مېنىڭ ئىسمىم ياقۇپجان ئابدۇكېرىم، بۇ يىل 34 ياشقا كىردىم، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسىدا تۇرىمەن. ئىلگىرى، مەن دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ ۋە قايمۇقتۇرۇلۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانىدىم. دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ماڭا «ساپ مۇسۇلمان» بولۇپ «كاپىر»لارنى چەتكە قېقىشنى، «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار»نىڭ ئۆلگەندىن كېيىن «جەننەت»كە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن خۇددى ئەپيۈن چەككەندەك نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشۇم بىلەنمۇ كارىم بولمىدى، ئېتىزنى ئوت - چۆپ قاپلاپ كەتسىمۇ، يامغۇر ياغقاندا ئۆيدىن سۇ ئۆتۈپ كەتسىمۇ كارىم بولمىدى، چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالمىدىم، مىجەزىم ئەسەبىيلىشىپ، كۈنبويى ئوغرىلىقچە باشقىلارغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتىم.

2017 - يىلى 3 - ئايدا، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە يېڭى بارغاندا، قارشىلىشىش كەيپىياتىدا بولدۇم، كۈنبويى ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئەستايىدىل ئۆگەنمىدىم، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدىم، ھەتتا دائىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئاچچىقلىنىپ، جېدەل چىقىرىپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تەربىيەسى ۋە باشقۇرۇشىغا ماسلاشمىدىم. كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدە، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ بۇرمىلانغان دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغانلىقىنى، قايمۇقتۇرۇلغان كىشىلەرنى يامان ئىش قىلىشقا، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىدىغانلىقىنى، كۈشكۈرتىدىغانلىقىنى، ئازدۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. بارا - بارا ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىيدىغان بولدۇم، قەلبىمدىكى تۈگۈن يېشىلدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىممۇ ئاشتى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، بىزنىڭ تاماق، ياتاق، لازىمەتلىكلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپ ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، ياتاق پاكىز، رەتلىك، سىنىپ ئازادە، يورۇق، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق. كەسپىي ماھارەت دەرسىدە مەن پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇشنى تاللاپ ئۆگەندىم، كەسپىي پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر خىل تورت، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانام، خوتۇنۇم مېنى خۇددى باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى، مىجەزىم ئوچۇق - يورۇق بولۇپ قالدى، ئاتا - ئانامغا ۋاپادار بولدۇم، ئىشچان، ئۆيگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدۇم، ئەمدى بۇرۇنقىدەك كۈنبويى بىكار تەلەپلىك قىلىپ يۈرمەيدىغان بولدۇم. يېزا - كەنت كادىرلىرى مەندىكى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ماڭا ياردەم قىلىپ ناھىيە بازىرىدا بىر دۇكان ئالاقىلىشىپ بەردى، مەن پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنى ئاچتىم. مەن پىشۇرغان پېچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ تەمى ياخشى، تۈرى كۆپ، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، كونا خېرىدارلىرىم كۆپەيدى، پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىمنىڭ سودىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى. يېقىندا، مەن پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىمنى قايتىدىن بېزەپ، كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جاپالىق ئەمگىكىمگە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەن ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدى، مېنى نورمال كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قايتۇرۇپ كەلدى، ئىلگىرىكى ئادەم دېسە ئادەمگە، ئالۋاستى دېسە ئالۋاستىغا ئوخشىمايدىغان كۈنلىرىم بىلەن خوشلاشتىم. ھازىر كۆڭلۈم يورۇپ، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم، دوستلىرىم بىلەن بولغان بېرىش - كېلىشىم قويۇقلاشتى، ئۆزۈممۇ پۇل تېپىپ ئائىلەمنى باقالايدىغان بولدۇم.

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە قارا چاپلىدى، مەن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان، پاكىتنى بۇرمىلايدىغان نومۇسسىز قىلمىشىغا قارىتا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. مەن ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئادىمىيلىك بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، قاتتىق جازالىماستىن بەلكى قۇتقۇزۇۋېلىش، كەمسىتمەستىن بەلكى غەمخورلۇق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ماڭا ئوخشاش دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ئازغان يولىدىن قايتىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتىمەن.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلارنى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەر شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، دىنلار ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، شىنجاڭغا خالىغانچە قارا چاپلىدىڭلار، ساختا ئەپت - بەشىرەڭلار، زومىگەرلىك ماھىيىتىڭلارنى كىشىلەر ئاللىقاچان تونۇپ يەتتى، بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرت - ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، سىلەرنىڭ سۇيىقەستىڭلار جەزمەن بىھۇدە ئاۋارىچىلىك خالاس.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.