تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى ئاداشقان يولدىن قايتۇرۇپ كەلدى

پەيزاۋات ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى جۈمەنىسا مەخەم

مېنىڭ ئىسمىم جۈمەنىسا مەخەم، ھازىر پەيزاۋات ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا بەك ئامراق. بۇ يىل 10 - ئايدا، مەن توي قىلدىم، ئېرىم بىر مەمۇر. ھازىر مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتىم بار، بەختلىك ئائىلەم بار، تۇرمۇشۇم خۇشال، كۆڭۈللۈك.

بىراق كىممۇ مېنىڭ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ قىلمىشى بار ئادەم ئىكەنلىكىمنى خىيالىغا كەلتۈرسۇن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى تاشلىۋەتمەي، مەندىن ۋاز كەچمەي، مېنى يامان كۆرمەي تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ، مېنى قايتىدىن نورمال تۇرمۇشقا قايتۇرۇپ كەلدى، مېنى قايتىدىن بەختكە ئېرىشتۈردى.

ئازابلىق كەچۈرمىشىمنى ئەسلىسەم ئازابلىنىمەن. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، مەن ئىزچىل ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ كەلدىم، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئىچىكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، شاڭخەي قاتناش داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇدۇم، ئارقىدىنلا ئىمتىھان بېرىپ جېجياڭ سىفەن داشۆسىگە ئۆتتۈم. مۇشۇ تەرىقىدە ماڭسام، ئەسلىدە ياخشى ئىستىقبالغا ئىگە بولاتتىم، ئەمما مەن ئېزىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كەتتىم. داشۆنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىدە مەن دائىم دەرستىن قېچىپ، «كاپىر»لار بىلەن بىر سىنىپتا ئولتۇرماي، خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن بېرىش - كېلىش قىلماي، مەكتەپنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشماي، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئەسەبىي ئىدىيەم بىلەن كىمنىڭ «دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى»، كىمنىڭ «كاپىر» ئىكەنلىكىنى ئۆلچىدىم ھەم «كاپىر»لارنى ھاقارەتلەپ، بېرىش - كېلىش قىلىشنى رەت قىلدىم. بۇ خىل ئىدىيە ماڭا خۇددى جىن چاپلاشقاندەك چاپلىشىۋالدى، ئەسەبىي ئىدىيەسى بار كىشىلەر بىلەن بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، دائىم ئۇلارنىڭ مەخپىي يىغىلىشىغا قاتناشتىم، ھەتتا چېگرادىن چىقىپ «IS» تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندۇم. داشۆنى پۈتكۈزۈشكە ئازلا قالغان مەن شۇنداق قىلىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالالمىدىم. شۇ چاغدا، مەن يەنىلا ھوشۇمنى تاپمىغانىدىم.

خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە قاتناشتىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئوقۇتقۇچىلار كۈچلۈك سەپلەنگەن، ئۆگىنىش شارائىتى ياخشى، تاماق، ياتاق پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، مەن خۇددى داشۆ ھاياتىغا قايتقاندەك بولدۇم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق - تىل يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان دەرسلەر تەسىس قىلىنىپلا قالماي، يەنە رەسىم سىزىش، ئۇسسۇل، مۇزىكا، ھۆسنخەت قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بارلار سىنىپى تەسىس قىلىنغانىدى، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئەركىن تاللايتتى.

سىنىپ مۇدىرى مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىمنى بىلگەندىن كېيىن، مەن بىلەن دائىم كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن مېنى ئىلھاملاندۇردى، بۇ مېنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىمنى قايتىدىن يالقۇنجاتتى. مېنىڭ ئىچكىرىدە سەككىز يىلغا يېقىن ئوقۇغان، پۇتۇڭخۇادا بىرقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىمدەك ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، سىنىپ مۇدىرى مېنى سىنىپ باشلىقى قىلىپلا قالماي، مېنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پۇتۇڭخۇا ئوقۇتقۇچىسى قىلدى. تۇغۇلغان كۈنۈمدە، سىنىپ مۇدىرى پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن بىللە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، تۇغۇلغان كۈن تورتى سوۋغا قىلدى، كۆپچىلىك تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتقاندا، مەن تەسىرلەنگىنىمدىن كۆز يېشى قىلدىم.

تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، ئوقۇتقۇچىلار بىز بىلەن تېلېۋىزىيە فىلىمى «يالغانچىلىق بىلەن نىقابلانغان <يۆتكىلىپ غازات قىلىش يولى>»نى كۆردۇق. فىلىمدە ئەسەبىي تەشكىلات داشۆدە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ پېيىگە چۈشكەندىن كېيىن، بۇ قىز نۇرغۇن ئالدامچىلىقلارغا ئالدىنىپ، ئاز - ئازدىن ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، قەدەممۇقەدەم كاللىسى يۇيۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاتالمىش «جەننەتكە كىرىش»كە ئىنتىلىپ، قەسەم بېرىپ ساداقەت كۆرسىتىپ «IS» تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى تاشلاپ چېگرادىن ئوغرىلىقچە چىقىپ، «جىنسىي قۇل»غا ئايلىنىپ خورلانغان. ئۇنىڭ بەختسىزلىكى مېنىڭ كەچۈرمىشىمگە بەكلا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئويلىساملا قورقىمەن، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېس قىلدىم، دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىمدىن خۇشال بولدۇم.

بۇ چاغدا مەن تەلتۆكۈس ھوشۇمنى تاپتىم، ئەينى چاغدا مېنى تۇيۇق يولغا باشلىغىنى قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ئاشۇ ئەسەبىي تەشكىلات ئىكەن؛ ئاشۇ ئاتالمىش «تاسادىپىيلىق»لار دەل ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇپ ئالداپ ئۆزىگە تارتىش، كاللىنى يۇيۇپ ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ۋاسىتىسى ئىكەن؛ ئاشۇ تەرغىب قىلىنغان ئاتالمىش «ئەركىن دۇنيادا رومانتىك تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئازدۇرۇپ ئالداش ئۈچۈن توقۇلغان چوڭ ئالدامچىلىق ئىكەن.

ئىدىيەدىكى تۈگۈن يېشىلگەندىن كېيىن روھىم ئازاد بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە كىرىشتىم، دېكلاماتسىيە قىلىش ئالاھىدىلىكى بارلار سىنىپىغا قاتناشتىم، سىنىپ مۇدىرىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولدۇم... مول مەزمۇنلۇق كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە مەن تەربىيەنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم. داشۆدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىلا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغانلىقىم ئۈچۈن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى پەيزاۋات ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشىغا قاتنىشىشقا تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەن شەرەپلىك بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدىم. ھۆرمەتكە سازاۋەر خىزمەتكە ئىگە بولۇپ، كىشىلىك قىممىتىمنى قايتىدىن تاپتىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.